تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قويۇق چاغان پۇرىقى، قويۇق مۇھەببەت

  مۇخبىرىمىز گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لياڭ خۇڭتاۋ

  سىياھ ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان چۈنليەنلەر، بەخت- سائادەتكە سىمۋول قىلىنغان «بەخت» خەتلىرى، تۈرلۈك قەغەز قىيما ئەسەرلەر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش توغرىسىدىكى كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان سۆزلەر... 1- ئاينىڭ 25- كۈنى، سانجى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، قوشماقلاشقان تۇغقانلارنى ئىدارىگە تەكلىپ قىلىپ، كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىلەن تۇغقانلارنى بىرلىكتە چۈنليەن يېزىش، دېرىزىگە چاپلايدىغان قەغەز گۈللەرنى قىيىشقا تەشكىللەپ، ئەدەبىيات- سەنئەت بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كاتتا چاغاننى خۇشال- خۇرام كۈتۈۋېلىپ، ھەر مىللەت ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ئورتاق مەدھىيەلىدى.

  «مۇكەررەم، قولىڭىز بەك چېۋەركەن، بۇ <بەخت> خېتىنى بەك چىرايلىق قىيىپسىز!» تۇغقىنىنىڭ خەت شەكلىنى سىزىشتىن قاتلاشقىچە، ئاندىن بەدىئىي تۈسى قويۇق «بەخت» خېتىنى قىيىپ چىقىرىشقىچە قاراپ تۇرغان سانجى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ جيەنخۇڭ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

  سانجى شەھىرىنىڭ نىڭبيەن يولى كوچا باشقارمىسى ليۇشۇخاڭ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق مۇكەررەم بۇ يىل 22 ياشقا كىردى، ئالىي مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇيدۇ. 2016- يىلى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن چاغدا، سانجى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا 5000 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى بەرگەن، ئادەتتە يەنە ئۇنىڭغا ئۆگىنىش، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىدۇ. تۇغقىنى ۋاڭ جيەنخۇڭمۇ ئۇنىڭغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ. «بۇ <بەخت> خېتىنى ۋاڭ جيەنخۇڭ ئاچامغا سوۋغا قىلىمەن، چاغان باھارنى، بەختنى چىللايدۇ، مەن بۇ ئەڭ گۈزەل تىلەكلەرنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە چاغاننى خۇشال- خۇرام كۈتۈۋالىمەن، ئۆتكۈزىمەن» دېدى مۇكەررەم.

  مۇكەررەم قىيغان «بەخت» دېگەن خەتنى ئېلىپ، ۋاڭ جيەنخۇڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ <بەخت> دېگەن خەت تۇغقىنىم بىلەن بىرلىكتە يېڭى بىر يىلنى ئىنتايىن بەختلىك ئۆتكۈزۈشىمىزنىڭ سىمۋولى، شۇنداقلا بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا بىلدۈرگەن تىلىكىمىز».

  چوڭ قىزىل قەغەز يېيىلدى، چوڭ زالنى سىياھنىڭ قويۇق ھىدى قاپلىدى. شۇ كۈنى، سانجى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئالايىتەن ئىككى نەپەر خەتتاتلىق ھەۋەسكارىنى نەق مەيدانغا كېلىپ، قالتىس ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، كۆپچىلىككە دۈيليەن يېزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانىدى.

  «ھەممە يەرنى قاپلىدى باھار جىلۋىسى، تاغۇ دەريا بۇنىڭدىن كۈلۈپ يايرىدى»، «ۋەتەن تىنچ، بىز خاتىرجەم، بېيىشقا ئورتاق يۈرۈش قىلدۇق، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئاتلاندۇق»... قىزىل قەغەزگە چىرايلىق يېزىلغان بەخت تىلەش مەزمۇنىدىكى كۆركەم دۈيليەنلەرگە كىشىلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان گۈزەل ئارزۇ- ئىستەكلىرى يۈكلەنگەنىدى.

  «<جەمئىيەت ئىناقلىقى كۆپچىلىكنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەلرايىغا تايىنىدۇ>، بۇ دۈيليەن ياخشى يېزىلىپتۇ، كۆڭلۈمدىكىنى دەپتۇ، بۇ دۈيليەننى ماڭا سوۋغا قىلىڭ، بۇ مەن بىلەن تۇغقىنىمنىڭ تۇغقانلىق مېھرىنىڭ گۇۋاھچىسى!» دېدى سانجى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كادىرى لى ۋېنبىننىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى روزىخان تارىم ھاياجانلانغان ھالدا. بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن روزىخان كېسەل سەۋەبىدىن ئەمگەك ئىقتىدارىدىن ئاساسەن قالغانىدى. قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئۇنىڭغا تۆۋەن كاپالەت رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىپ بەردى، شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى يولداشلار يەنە دائىم ئۇنىڭ ئائىلىسىگە كېلىپ ھال سوراپ، ھەر خىل قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى.

  «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك، بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنلىرىمىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇڭا بىز قانائەت قىلىشنى بىلىشىمىز، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىشىمىز كېرەك». روزىخان گېپىنى تۈگىتىپ، ياندىكى ئۆيدىن بىر چىرايلىق تىكىلگەن نەپىس كەشتىنى ئېلىپ چىقتى. «مەن بىر يىل سەرپ قىلىپ بۇ كەشتىنى پۈتتۈردۈم، شۇ ئارقىلىق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمنى ئىپادىلىمەكچى!»

  خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى كادىرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى خۇشال مەشرەپكە چۈشۈپ، شوخ «چاغان ئۆتكۈزۈش» ناخشىسى ئېيتىپ، قويۇق چاغان كەيپىياتىغا چۆمۈلدى، سورۇن ناھايىتى ئىللىق، بەكمۇ كۆڭۈللۈك بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى