تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پاكىز يوقىتىمەن

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئامانجان ئابدۇكېرىم

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قەتئىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇردى، يېتەكلىدى. لېكىن، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، بار ئاماللار بىلەن بىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولدى. ئۇلار مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، تارىخنى بۇرمىلاش، ئۆزگەرتىۋېتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاممىنى ئالدىدى، يالغان سەپسەتىلەرنى توقۇپ ۋە ئويدۇرۇپ، بىز بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار بىزنىڭ ساغلام مۇسكۇللىرىمىزنى چىرىتىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە، جەزمەن قەتئىي پاكىز يوقىتىشىمىز كېرەك.

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەن:

  سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي خىسلىتىمنى مەڭگۈ ساقلايمەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يادروغا توغرىلىنىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمەن، ئىدىيە جەھەتتە قەتئىي ئەگىشىمەن، سىياسىي جەھەتتە مۇتلەق سادىق بولىمەن، ھېسسىيات جەھەتتە سەمىمىي ھىمايە قىلىمەن، ھەرىكەت جەھەتتە سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىمەن، ئۆزۈمنى پارتىيەگە، دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن.

  دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشاننى قەلبىمگە پۈكۈپ، قولۇمدا تۇتۇپ، زىممەمگە ئېلىپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان چىدامچانلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن، يېڭى دەۋردە يېڭى نەتىجە يارىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىشەنچىسى ۋە غەمخورلۇقىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ مۇھىم باسقۇچىدا، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرى بويىچە چاقماقتەك چاققان بولۇش ۋە بوشاشماي كۈرەش قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەيمەن. سىياسىي سەزگۈرلۈكۈمنى ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەققانىيەت شەمشىرى بىلەن دۈشمەننىڭ ساختا نىقابىنى ئېچىپ تاشلايمەن، ھەققانىيەت ساداسى بىلەن ئاممىنىڭ ئېڭىنى ئويغىتىمەن، چىرىندىلارنى سۈپۈرۈپ تازىلاشتەك قۇدرەتلىك كۈچ، چاقماقتەك قۇدرەتلىك كۈچ ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»نى قەتئىي يوقىتىمەن؛ باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تارتىپ چىقىرىمەن، پاكىز يوقىتىمەن.

  مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا تەربىيەلەپ، ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئامما بەھرىمەن بولۇۋاتقان پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئارقىلىق، پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، داۋلى سۆزلەپ، كەڭ ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن، ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىدىغان بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەيمەن، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، بارلىق توسقۇنلۇقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايمەن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى