تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتتېرتقا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  فىلىپپىندە پارتلىتىش، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن

  شى جىنپىڭ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتتېرتقا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى. 1- ئاينىڭ 29- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىلىپپىننىڭ سۇلۇ ئۆلكىسىدە پارتلىتىش، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتتېرتقا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق بىلدۈردى: فىلىپپىننىڭ سۇلۇ ئۆلكىسىدە ئېغىر پارتلىتىش، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈزبېرىپ، ئېغىر، زور تالاپەت كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلار ۋە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، فىلىپپىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تېررورىزمغا ئورتاق زەربە بېرىپ، خەلقئارا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.