تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

[شىنجاڭ ياخشى جاي] شۈيشىگۇ قىشلىق لاگېرى باشلاندى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جېڭ يىيۈەن) 1-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2018—2019-يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە قىشلىق لاگېرى . شىنجاڭ بېكىتى شۈيشىگۇ قىشلىق لاگېرىنى باشلاش مۇراسىمى شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىنىڭ قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.  تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن كەلگەن 60 تىن ئارتۇق قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى ئارتۇقچىلىقىغا ئىگە ياش-ئۆسمۈر بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر گۈلى ئابلىلىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى قىشلىق لاگېر پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قار-مۇز ساياھىتى، قار-مۇز مەدەنىيىتى، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى قىشلىق لاگېردا ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىمۇ تارماق پائالىيەتلەر تەسىس قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ لاگېر قار پەسلى ئاخىرلاشقىچە داۋاملىشىدىكەن.

راھىلە ئازاد تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى