تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

سانجىدىكى دېھقانلار ئۈزۈمنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىپ، «شېرىن كەسىپ» بەرپا قىلدى

   شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ شياۋلى خەۋىرى): سانجى شەھىرى رايون، كۈن نۇرى، تۇپراق ئەۋزەللىكىنى تايانچ قىلىپ، دېھقانلارنى ئىلمىي تېرىقچىلىق ئارقىلىق ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھاراق جاڭزىسى قۇرۇش، ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم سورتىنى ياخشىلاش، ئىنچىكە باشقۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ «شېرىن كەسىپ»تىن پايدىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. نۆۋەتتە، سانجى شەھىرىنىڭ سەنگۇڭ بازىرى، ليۇگۇڭ بازىرى، يۈشۇگۇ بازىرى قاتارلىق يېزا-بازارلار ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈشنى تايانچ قىلىپ، يېزا ئىگىلىك، سانائەت، ساياھەتچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈزۈم ھارىقى ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلدى.

     1-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانجى شەھىرى يۈشۇگۇ بازىرى ئالغا كەنتى ئاھالىسى چيۇ ۋېنشيەن بۇ يىل ئۈزۈم سۈپىتىنى قانداق ئۆستۈرۈشنى پىلانلاۋاتاتتى. ئۇ 2018-يىلى 200 مو يەرگە ئورگانىك ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرگەن بولۇپ، ھەممىسىنى شۇ جايدىكى ھاراق زاۋۇتلىرىغا سېتىپ بەرگەنىدى.

   نۆۋەتتە، سانجى شەھىرىنىڭ ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمى 25 مىڭ موغا يېتىپ، توققۇز ھاراق جاڭزىسى مەيدانغا كېلىپ،  ھاراق مەدەنىيىتى كۆرگەزمىخانىسى، ئۈزۈم ئۈزۈش، يېمەك-ئىچمەك، قىزىل ھاراقنى تېتىپ باھالاش بىر گەۋدىلەشكەن مېۋىلەرنى تۈجۈپىلەپ پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى يېڭى ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، مەھسۇلاتلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا، شۇنداقلا رۇسىيە، شىۋېتسىيە، قازاقىستان قاتارلىق 15 دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى