تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ كۈچىنى زور كۈچ بىلەن تارقىتىمەن

چۆچەك شەھىرىدىن پېنسىيەگە چىققان كادىر فۇ مىڭ

  مېنىڭ يۇرتۇم چۆچەك ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئىناق بىللە ئۆتىدىغان بىر چوڭ ئائىلە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ئىناق بولۇپ، قويۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرگەن.

  مەن داغۇر مىللىتىدىن، بىزنىڭ ئائىلىمىز بىر كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلە، جەمئىي ئالتە مىللەت بولۇپ، خۇشال-خۇرام ياشايمىز. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئائىلىمىزدىكىلەر قان قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتۈپ، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا يۆلەك بولۇپ، سېنىڭ-مېنىڭ دەپ ئايرىماي، ئىش بولسا ئورتاق كېڭىشىدىغان، ئىش بولمىسا دائىم بېرىش-كېلىش قىلىشىدىغان، خۇشاللىق ئىشلاردا ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا كۆپچىلىك ياردەم قىلىدىغان مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈپ، مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت بىلەن دىن، مىللىي ئۆرپ-ئادەت بىلەن دىنىي قائىدە-يوسۇن چەكلىمىسى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئۇقۇملارنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مەجبۇرلاپ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىغا تەسىر يەتكۈزدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت»نى ئاتتى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كەلدى. لېكىن، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە ۋەزىيىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمىدى، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاشتەك رەزىل نىيىتىدىن يانمىدى. بىز ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، جەڭ قىلىشقا ھەر دائىم تەييار تۇرۇپ، بىخۇدلۇق قىلماي، بوشاڭلىق قىلماي، باشتىن- ئاخىر «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى سۇيىقەستىنى قەتئىي بىتچىت قىلىشىمىز كېرەك.

  بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، پېنسىيەگە چىققان كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل نىيىتىنى قەتئىي پاش قىلىمەن، تەنقىدلەيمەن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى چوڭقۇر پاش قىلىمەن، تەنقىدلەيمەن؛ سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، باشتىن-ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولماسلىق، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماسلىق، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت-بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

  مەن ئاخىرقى رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ خىسلىتىمنى يوقاتماي، باشلامچىلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، توغرا يولدا مېڭىپ ئۈلگە تىكلەپ، ھەمىشە ئائىلەمدىكىلەرگە ۋە ئەتراپىمدىكى ئاممىغا ھەرقانداق ۋاقىتتا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن. مەن ئۆز تەسىراتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ كۈچىنى زور كۈچ بىلەن تارقىتىپ، ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا بارلىق بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇش ئۈچۈن كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى