تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقىنى قەتئىي تازىلايمەن

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بېلىكتۇ

  مەن بىر پارتىيەلىك كادىر، شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، 33 يىللىق خىزمەت تارىخىغا ئىگە. داشۆدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە پارتىيە بايرىقى ئالدىدا تەنتەنىلىك قەسەم بەرگەن، چىن قەلبىمدىن كوممۇنىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلىشقا بەل باغلىغان ئاشۇ پەيتتىن باشلاپ، مەن بارلىقىمنى پارتىيە ۋە خەلققە ئاتىدىم.

  «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ يەتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ، ئۇلارنىڭ جىنايى مەقسىتىمۇ ھەرگىز ئىشقا ئاشمايدۇ.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، قەتئىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، ھەممە بىر نىيەتكە كېلىش، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىشتەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. پاكىت قايىل قىلارلىق دەرىجىدە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىلمىي خىسلەتكە، مول، ئەمەلىي قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولۇپ، تامامەن توغرا؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ قوللانغان تەدبىرلىرى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كەلگەن بولۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمگە ئىگە.

  2016-يىلى، مەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلىمىغا كېلىپ، دېھقانلار ئاممىسى ئارىسىغا كىرىپ، ئۇلار بىلەن ئىناق بىللە ئۆتۈپ، ئورتاق ئۆگىنىپ، بىللە ئەمگەك قىلدىم. ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، مەن يېزىلاردىكى ساپ مىللىي ئۆرپ- ئادەتنى ھېس قىلدىم، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ پەيدا قىلغان ئاپەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم؛ چوڭقۇر ئۆگىنىش ئارقىلىق، مەن شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى، مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش تارىخىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق تونۇدۇم ۋە ئىگىلىدىم، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى ئايدىڭلاشتۇردۇم، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئۇقۇمىنى بىلىۋالدىم؛ «ئاساسىي قانۇن» ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرى، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىش ئارقىلىق، مەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دىننى توغرا تونۇش، دىننى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش كېرەكلىكىنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتىم، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورىزمنىڭ ئىدىيە ئاساسى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا كەلتۈرىدىغان خەۋپىنىڭ ئىنتايىن زور بولىدىغانلىقىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى، جەزمەن قەتئىي يوقىتىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم.

  مەن ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى توغرا تونۇيمەن، دىن مەسىلىسىگە توغرا مۇئامىلە قىلىمەن. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تۆۋەندىكىلەرنى ئىشقا ئاشۇرىمەن:

  قەتئىي، كەسكىن ھالدا يادرونى قوغداپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا، دىنغا، ئىلاھقا ئىشەنمەيمەن. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتى ۋە قانۇن-نىزاملىرىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى تونۇشۇمنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ئاچقۇچلۇق ۋاقىتتا دادىللىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. مەن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىننى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەيمەن. ھەر مىللەت ئاممىنى پائال ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقىنى قەتئىي تازىلايمەن.

  ھەر ۋاقىت دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىپەمنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقىنى تازىلاشقا كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى