تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئائىلىلەرگە 30 مىڭ تېلېۋىزور ھەدىيە قىلدى

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئائىلىلەرگە 30 مىڭ تېلېۋىزور ھەدىيە قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياڭ شەنشۈن، لى داۋجۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. 1-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئېغىر نامرات رايونلارغا تېلېۋىزور ھەدىيە قىلىش، تارقىتىش مۇراسىمى گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسىنىڭ ئاياغ چودا كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 32 ناھىيە، شەھەردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە جەمئىي 30 مىڭ تېلېۋىزور ھەدىيە قىلىندى.

  يېڭى تېلېۋىزورنى كۆتۈرۈۋالغان ئاياغ چودا كەنتىدىكى نامرات ئاھالە مەتسىدىق ئۆمەر قەۋەتلا خۇش بولۇپ كەتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا رەھمەت، باش شۇجى شى جىنپىڭغا رەھمەت، باشتىن-ئاخىر بىزدەك قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ غېمىنى يەپ كەلدى. بۇ يىللاردا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى كەينى-كەينىدىن يولغا قويۇلدى. تېلېۋىزور بولسا، بىز بىۋاسىتە پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايمىز، پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆگىنەلەيمىز، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى بىلەلەيمىز، يەنە نۇرغۇنلىغان زامانىۋى مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنەلەيمىز، ياخشى كۈنلەرگە بولغان ئۈمىدىمىز تېخىمۇ ئاشتى!»

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇدا كۆپ يىل شىنجاڭغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى بىر قىسىم ئېغىر نامرات رايونلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە تېلېۋىزور ھەدىيە قىلىپ كەلدى. نۆۋەتتە، ھەدىيەنى قوبۇل قىلغان 32 ناھىيە، شەھەردىكى تېلېۋىزورنىڭ ھەممىسى تەق بولۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە جىددىي تارقىتىلىۋاتىدۇ، چاغاندىن بۇرۇن ھەممە ئائىلىلەرگە ھەدىيە قىلىنىپ بولىدۇ.

  «شىنجاڭدا، نامرات دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئالغا سىلجىتىش، ھەر مىللەت ئاممىنى <بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش>نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھەدىيە قىلىنغان تېلېۋىزورلار نامرات ئاممىغا خۇشاللىق ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، سىياسەت، قانۇن ۋە بىلىملەرنى يەتكۈزدى، نامرات ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى». ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسى ئاياغ چودا كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى گو شاۋۋېن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم بۇ غەمخورلۇق، كۆيۈنۈشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، <تېلېۋىزورنى تۈمەن ئائىلىگە كىرگۈزۈش>نى پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى تۈمەن ئائىلىگە كىرگۈزۈش، بېيىش ئۇچۇرلىرىنى تۈمەن ئائىلىگە كىرگۈزۈش، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەتنى تۈمەن ئائىلىگە كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشقا، بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە كەڭ كەنت ئاھالىلىرىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغداشقا، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز!»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى