تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېگراممىسى. 1-ئاينىڭ 28-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2019-يىللىق چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەن جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن سىزگە ھەم سىز ئارقىلىق ۋىيېتنام پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىگە چىن قەلبىمدىن چاغانلىق سالام يوللايمەن ۋە بەخت تىلەيمەن. 2018-يىلى، جۇڭگو-ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ ئون يىللىقى. بۇ ئون يىلدا، بىز جۇڭگو-ۋىيېتنام ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولدۇق. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئىككى تەرەپ تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئاممىسىنىڭ ھەمكارلىق داۋامىدىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. چاغان يېڭى باشلىنىش. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى چوقۇم يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشەلەيدۇ.

  رۇەن فۇجۇڭ تەبرىك خېتىدە، ۋىيېتنام پارتىيەسى، دۆلىتى، خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭغا ھەم جۇڭگو پارتىيەسى، دۆلىتى ۋە خەلقىگە يېڭى يىللىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى. رۇەن فۇجۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2018-يىلى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى قاتلام دەرىجىلىكلىرى، ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، ۋىيېتنام-جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. 2019-يىلىغا قەدەم قويدۇق، مەن يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بىللە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى قاتلام دەرىجىلىكلەر، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى جايلارغا بولغان يېتەكچىلىكنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىلگىرى ھاسىل قىلىنغان تۈرلۈك نەتىجىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامنىڭ ئۆزئارا زىيارەت قىلىشى ۋە ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىيدا ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.