تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمەن

  سانجى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس تۇركەش

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىكى ئىككى «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە كەسكىن ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت»نى ئارقىمۇئارقا ئېتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئۆسۈپ كەتكەن خورىكىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قەتئىي ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم ئومۇملۇقىنى قوغداپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىشتىكى قەتئىي ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى.

  مەن پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باش پىروگراممىسى ۋە بىرتۇتاش يېتەكچىسى قىلىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرغاندا، بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا سادىقلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، باتۇرلۇق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىمەن.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتىگە بولغان چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تونۇشۇمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىپ، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولىمەن، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرىمەن. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئىزچىل بوشاشمايدىغان جاسارەت، تولۇق غەلىبە قىلمىغىچە بولدى قىلمايدىغان غەيرەت بىلەن، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئەڭ زور چەكتە قوزغىتىپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈش، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا يېتەكلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە رېئال خەۋپىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، پۇقرالار ئاڭلاپ بىلەلەيدىغان، چۈشىنەلەيدىغان سۆز بىلەن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئېنىق سۆزلەپ، ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلايمەن.

  مەن قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققىتىمنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرىمەن، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنىڭ ئالاقىلىشىش دائىرىسى كەڭ بولۇش، يوللىرى راۋان بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمەت ۋەزىپىسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ تەرەپ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، ھەر بىر تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنى ۋاقىت تەلىپى بويىچە قەدەممۇقەدەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئېسىل ئىستىلىم ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن، ئۇلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن. پۇختا خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلەيمەن، يەنە جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر-ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا يوشۇرۇنغۇدەك جاي قويمايمەن.

  مەن قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئاتساقلا، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئاقىۋىتى مۇقەررەر تەلتۆكۈس ھالاكەت بولىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى