تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قەتئىي ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىمەن

  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرسۇنجان

  ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ــــ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ــــ ئاپەت. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇياش نۇرىغا، ھاۋاغا ۋە سۇغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدىن ئايرىلساق ياشىيالمايمىز. دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى. ئائىلە ئەزالىرى جەزمەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئېجىل-ئىناق ئۆتكەندىلا، ئائىلىنى ئىناق قىلىش، ئىشلارنى روناق تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە كادىرلار قوشۇنى ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مىللەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ھە دەپ شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئويدۇرۇپ، ئۆزگەرتىۋېتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە غايەت زور زىيان سالدى، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، جەزمەن پولاتتەك مۇشتىمىز ئارقىلىق ئەجەللىك زەربە بېرىشىمىز كېرەك.

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمەن. مەن باشتىن-ئاخىر باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلب ئېتىزىغا يەتكۈزۈپ، ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىپ، چوڭ ھەق-چوڭ ناھەقنى ئېنىق ئايرىشتا مەيدانىم ئالاھىدە سەگەك بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكىتىم ئالاھىدە قەتئىي بولۇش، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈشتە ھېسسىياتىم ئالاھىدە سەمىمىي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى جان تىكىپ قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولىمەن. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ نەزەرىيە جەۋھىرى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى كۈچەپ ئىگىلەپ، باشتىن-ئاخىر ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  قەتئىي ھالدا دىققىتىمنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىمەن. دىققەتنى، كۈچنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق-تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئوبلاست» بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى دائىم، ئۇزاققىچە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىمەن. پارتىيەلىك كادىرغا خاس ئۈلگىلىك رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، ھەممە كىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان، پۈتۈن جەمئىيەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغدايدىغان قويۇق كەيپىياتنى پائال يارىتىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى جان تىكىپ قوغدايمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق-تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ھەر بىر باسقۇچىغا سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ دەرسخانىغا كىرىشى، دەرسلىككە كىرىشى، كاللىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولىمەن. ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، شىنجاڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى قاتارلىق ئاساسىي قاراشلارنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى