تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قارلىق دالىدا شادلىق ناخشىسىنى ياڭرىتىپ، چارۋىچىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىش

  ئارشاڭ ناھىيەسى ئۇلانمۇچىر ئەترىتى:

قارلىق دالىدا شادلىق ناخشىسىنى ياڭرىتىپ، چارۋىچىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ جېڭ، چېڭ يۆيۆ، باۋ دۇڭشى

  كۆپكۆك ئاسمان ئاستىدا، ئاپئاق قاردا كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدىغان ئالاتاۋ تېغى خۇددى قاشتاش ئەجدىھادەك جۇڭگو-قازاقىستان چېگراسىدا سوزۇلۇپ ياتاتتى.

  1-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئالاتاۋ تېغى باغرىدا، ئارشاڭ ناھىيەسى دالىمتى يېزىسىنىڭ ئاچ ئەترىتىدىكى چارۋىچى ئورلېۋ راقىمبېك ئائىلىسى ئالاھىدە قىزىپ كەتتى، يېقىن ئەتراپتىكى چارۋىچىلار ئۇلانمۇچىر ئەترىتىنىڭ ئويۇن قويغىلى كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، بەس-بەستە ئات ياكى موتوسىكلىتلىرىنى مىنىپ كۆرگىلى كەلدى.

  ئارشاڭ ناھىيەلىك پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لياڭ جىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلانمۇچىر ئەترىتى 53 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئىلگىرى شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ئات ئۈستىدىكى ئويۇن قويۇش ئەترىتى ئىكەن. چارۋىچىلارنىڭ ئۆيى قەيەردە بولسا، ئۇلار شۇ جايغا بېرىپ ئويۇن قويىدىغان بولۇپ، ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى بارلىق يېزا-بازار، مەيدان، كەنت، ئەترەت ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئۇلارنىڭ ئىزى قالغان. ئىلگىرى «مەملىكەتلىك مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» دېگەن نامغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان بىر مەرۋايىت ئىدى.

  «توك بولمىسا، قانداق ئويۇن قويىمىز؟» بىر ئەترەت ئەزاسى ئالدىراپ توك مەنبەسىنى ئىزدەپ، ئورلېۋنىڭ ئۆيىدە توك توختاپ قالغانلىقىنى بايقىدى.

  ئۇلانمۇچىر ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بايىنباتۇ قالپىقىنى ئېلىۋېتىپ، بېشىنى سىلىغىنىچە: «تەڭكەشسىز ناخشا ئېيتىپ بەرمەمسىلەر، كۆپچىلىككە تەڭكەشسىز ناخشا ئېيتىپ بېرىڭلار!» دېدى.

  قارلىق تاغ پەردە، قارلىق دالا سەھنە بولدى. توققۇز ئەترەت ئەزاسى ئاپتوموبىلدا تېزلىكتە ئويۇن قويۇش كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئارقا كوزۇپتىن چالغۇلىرىنى ئالدى، تاماشىبىنلارمۇ تېزلا يېرىم چەمبەر شەكىللەندۈرۈپ، قارلىق دالىدا قويۇلىدىغان ئەسلىي پۇراققا ئىگە ئويۇندىن زوقلىنىشنى كۈتتى.

  چېگرا قوغداش خادىمى راخات بايىلا چۈشتىن بۇرۇنقى چېگرانى چارلاش ۋەزىپىسىنى تۈگىتىپ، ئورلېۋنىڭ ئۆيىگە ئويۇن كۆرگىلى كەلدى. «ئادەتتە چېگرا چارلىغىنىمىزدا بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز، سىرتتا ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنلىرىنى كۆرۈشكە ۋاقتىمىز يەتمەيدۇ. ئۇلانمۇچىر ئەترىتى مەخسۇس كېلىپ بىزگە ئويۇن قويۇپ بەرسە، مەن بۇ پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتسەم بولمايدۇ» دېدى راخات.

  ئاپئاق قار ئۈستىدە، «تۈمەن تۇلپار چاپماقتا» ناملىق مۇزىكا ئات باشلىق چالغۇ بىلەن ئورۇنلانغاندىن كېيىن، ئەترەت ئەزاسى يېركىن يەنە داۋاملىق سەھنىگە چىقىپ، باشقا ئۈچ ئەترەت ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە، چارۋىچىلار ئۈچۈن «كومپارتىيەگە بېغىشلانغان مەدھىيە» دېگەن ناخشىنى سوۋغا قىلدى. ئۇلانمۇچىر ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئويۇن قويۇش ماھىرلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىرگە قادىر كۆپكە ماھىر ئىدى.

  «تۇغۇلدۇم بۇ مۇنبەت تۇپراقتا، يۇيۇندۇم ئارشاڭ بۇلاقتا...» «ئارشاڭ دەرياسى» ناملىق ناخشا ئېيتىلغاندا، چارۋىچىلار بىلەن بالىلارنىڭ ھەممىسى تەڭ ئەگىشىپ ئېيتتى. بۇ ناخشا 20-ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا ئۇلانمۇچىر ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى بورولدا تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان، بىرقانچە ئون يىل جەريانىدا تارقىلىپ، ئېيتىلىپ چارۋىچىلارنىڭ قۇلىقىغا سىڭىپ كەتكەنىدى.

  «مەن ئۇلانمۇچىرنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان، بۇ ناخشىنى ھەممىمىز ئېيتالايمىز.» ئورلېۋ مۇنداق دېدى: ئۇلانمۇچىر ئەترىتى ھەر ئايدا ئاچ ئەترىتىگە كېلىپ ئويۇن قويىدۇ.

  «سىلەر ھازىرمۇ ئاتقا مىنىپ سىرتقا چىقىپ ئويۇن قويامسىلەر؟» بىزنىڭ سوئالىمىزغا ئەترەتنىڭ ئايال ئەزاسى مارجان ئەنۋەر مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن 16 يېشىمدىن باشلاپ ئەترەتتە ئويۇن قويۇپ كەلدىم، ھازىر 20 يىل بولدى. خېلى بۇرۇنلا ئاتقا مىنمەيدىغان بولدۇق، ھازىر ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ كەنتلەرگە بېرىپ ئويۇن قويىمىز!» ئۇ مۇنداق دېدى: ئاسفالت يول چارۋىچىلار ئولتۇراقلاشقان كەنتلەرگىچە ياسالدى، ئۇلانمۇچىر ئەترىتىمىز ئات ئۈستىدە ئويۇن قويىدىغان دەۋر بىلەن خوشلىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ كۆچمە سەھنە ئاپتوموبىلىغا ئىگە بولدۇق.

  «مۇزىكىلىق كۇەيبەن <19-قۇرۇلتاي روھى نۇر چاچار> بىزنىڭ ئەڭ يېڭى ئىجادىي ئەسىرىمىز.» بايىنباتۇنىڭ ئويۇن ئارىلىقىدا بىزگە تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بەدىئىي ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان ۋە مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ موڭغۇللارنىڭ قىسقا كۈي، ئۇزۇن كۈي قاتارلىق 500 دىن ئارتۇق خەلق ناخشىسىنى يىغىپ رەتلەپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ناخشا، مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن 1000 دىن ئارتۇقنى ئىجاد قىلغان.

  چارۋىچى قاماريا راخماندۇللا بىر چەينەك ئەتكەنچاينى كۆتۈرۈپ كىرىپ، ئورلېۋگە ياردەملىشىپ يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈشۈپ بەردى. كۆپچىلىك قىزىق ئەتكەنچاينى ئىچكەچ نومۇرلارنى كۆردى. ئويۇن ئاياغلاشقاندا، ئەترەت ئەزالىرى ۋە چارۋىچىلار بىرلىكتە قاردا مىللىيچە ئۇسسۇل ئوينىدى، خۇشال كۈلكە ساداسى ئاچ ئەترىتىدە ياڭرىدى.

  «دەۋر ئۆزگەرمەكتە، لېكىن بىزنىڭ چارۋىچىلار بىلەن بولغان ۋەدىمىز ئۆزگەرمەيدۇ.» بايىنباتۇ مۇنداق دېدى: «بىز ھەر يىلى 100 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويۇپ، بىرمۇ كىگىز ئۆينى قالدۇرۇپ قويماسلىقنى، بىرمۇ چارۋىچىنىڭ قېلىپ قالماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەڭگۈ ئوتلاقتىكى <قىزىل ئەدەبىيات- سەنئەت ئاتلىق ئەسكىرى> بولىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى