تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىشلىق تەربىيەلەش دېھقان-چارۋىچىلارغا «بېيىش دەستۇرى» يەتكۈزدى

  مۇخبىرلىرىمىز خې لىڭ، چېن چېن، جەزىرە نىسىبېك، چېڭ يۆيۆ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز نيۇ خەييەن، ما يۆ

  قىش كىرگەندىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەرقايسى يېزا - بازارلار، ھەرقايسى كەنتلەر ئۆتكۈزگەن كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش كۇرسلىرى دائىم ئادەم بىلەن لىق تولۇپ كەتتى.

  تېخنىكىنى ياخشى ئۆگىنىش

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ماھارەت تەربىيەسى سالمىقىنى زورايتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

  1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ ئاقچى بازىرى ئەنئەنىۋى چارۋا بېقىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، چارۋىچىلىقنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە «قىشلىق ھۇجۇم» چارۋىچىلىق كۇرسىنى قانات يايدۇردى.

  كۇرس باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تىپىك، ئەمەلىي مىساللارغا بىرلەشتۈرۈپ، سۈرەت-يېزىق بىرلەشتۈرۈلگەن، جانلىق، قىزىقارلىق ئوقۇتۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى، شۇنداقلا كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارغا ئىلمىي باقمىچىلىقنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

  گۇما ناھىيەسى سانجۇ بازىرى ئاياغ ساۋا كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇكېرىم كەنت تەشكىللىگەن كۇرسقا قاتناشقاندىن كېيىن، دەرھال بۇ يىللىق باقمىچىلىق پىلانىنى تۈزدى.

  «نامراتلارنى يۆلەش ئېشىكى باقمىچىلىق تېخنىكىسى كۇرسىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئاندىن ئېشەكنى ئىلمىي بېقىشنىڭ ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى بىلدىم.» ئابدۇرېشىت مۇنداق دېدى: «مەن تېخنىكىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئېشەكنى كۆپرەك بېقىشقا تىرىشىمەن».

  «بېيىش دەستۇرى»نى ئىگىلەش

  بۇ ئىككى كۈندە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازىرى ئۈستىنكى خوتەن كەنتىدە مور ئۆستۈرۈش كۇرسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى.

  «ھويلىدا مور ئۆستۈرۈشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟» «مور ئۆسۈپ قانچە كۈندىن كېيىن يىغىۋالسا ئەڭ ياخشى؟»... ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ تېخنىكى كۆڭۈل قويۇپ دەرسلىك ماتېرىيالى تەييارلاپ، «قىشلىق ھۇجۇم» يېزا ئىگىلىك ئەمەلىي تېخنىكىسى كۇرسىدا، كەنت ئاھالىلىرىگە مور ئۆستۈرۈش داۋامىدا يولۇققان تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەر، ھەل قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى سۆزلەپ چۈشەندۈردى.

  كەنت ئاھالىسى مەمەت ھاشىم كۇرسقا قاتناشقاندىن كېيىن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بەزىلەرنىڭ مور ئۆستۈرۈپ پۇل تاپقانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم، بۇ يىل، مەنمۇ ئائىلىمىزنىڭ ياڭاقلىق يېرىدە قارا مور ئۆستۈرۈپ، كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ باي بولىمەن».

  زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى كەسىپكارلارنىڭ يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى ۋە تېخنىكىسىنى ئىگىلىشىگە موھتاج. كۆپ يىل دېھقانچىلىق تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان ساۋەن ناھىيەسىنىڭ دۇڭۋەن بازىرى شيادۇڭدى كەنتىدىكى چېن جيەنچياڭ يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى ۋە تېخنىكىسىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

  2018-يىلى 12-ئايدا، ساۋەن ناھىيەسى دۇڭۋەن بازىرى شيادۇڭدى كەنتىنىڭ «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرىنى دەرس ئۆتۈشكە مەخسۇس تەكلىپ قىلدى.

  «مۇئەللىم بىزگە كۆممىقوناق تېرىش ۋە كۆممىقوناقنى سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىپ ھوسۇلنى ئاشۇرۇش تېخنىكىسى، ئوت-چۆپ يوقىتىش دورىسىنى ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىملەرنى سۆزلەپ چۈشەندۈردى، دەرس ناھايىتى جانلىق بولدى، مەن يەنە يان تېلېفونۇمدا سىنغا ئېلىۋالدىم، بۇ <بېيىش دەستۇرى>نى ياخشى ساقلاپ، بۇنىڭدىن كېيىن يەر تېرىغاندا پايدىلىنىمەن» دېدى چېن جيەنچياڭ.

  ماھارەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

  يېزىلاردىكى تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەكچىگە بىرەر ماھارەت ئىگىلىتىش ئۈچۈن، قىش كىرگەندىن بۇيان، تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا كۇرسلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى.

  1-ئاينىڭ 8-كۈنى، سانجى شەھىرى دەنبا بازىرى ئەرچى كەنتى بوۋاقلار تەربىيەچىسى ماھارەت كۇرسى ئېچىپ، بوۋاقلارنى بېقىش ماھارىتىنى قولمۇقول ئۆگەتتى.

  «ھەر قېتىمقى چاغاننىڭ ئالدى - كەينىدە، بىز يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىي ماھارەت تەربىيەسىگە قاتنىشىشقا پائال تەشكىللەيمىز، بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى دەنبا بازىرى ئەمگەك كاپالەت ئورنىنىڭ باشلىقى سۈن يۆخۇڭ.

  كەنت ئۇيۇشتۇرغان ئاشپەزلىك كۇرسىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يېزىسى ياقاباغ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئالتۇنگۈل غېنىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسى تولۇپ تاشتى.

  «بىر مەزگىللىك ئۆگىنىشتىن كېيىن، ئاشپەزلىك ھۈنىرىمدە ناھايىتى زور يۈكسىلىش بولدى. مەن ھۈنەرنى جەزمەن تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە پېچىنە- پىرەنىك دۇكىنى ئېچىپ، ئىشچان ئىككى قولۇمغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولىمەن» دېدى ئالتۇنگۈل.

  ئەمگەكچىلەرنىڭ تېخنىكا ماھارەت سەۋىيەسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم يوللارنىڭ بىرى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن دېھقان- چارۋىچى كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ئارقىلىق بىرەر ماھارەت ئىگىلەپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى