تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرىمەن، قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىمەن

گۇچۇڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم ما جىنشەن

    مەن مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىر، ئاتا- ئانامنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بەرگەن تەربىيەسىدە، مەن كىچىكىمدىن باشلاپ شۇنى چوڭقۇر بىلىپ يەتتىمكى، جۇڭخۇا زېمىنىدىكى مىللەتلەر خۇددى ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللاردەك بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشىشى كېرەك. خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، مەن ھەر مىللەت خىزمەتداشلىرىم بىلەن ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىناق ئۆتتۈم. پارتىيە تەشكىلىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە، مەن بىر يېزا بالىسىدىن قەدەممۇ قەدەم ئۆسۈپ يېتىلىپ، ھازىرقى خىزمەت ئورنىغا چىقتىم. بۇ پارتىيەنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكى، مەن ھەر ۋاقىت، ھەر دائىم مىننەتدارلىقنى قەلبىمگە پۈكۈپ، ئۇلۇغ پارتىيەمىزگە ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

    يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈردى، شىنجاڭدا ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كەلدى. ھالبۇكى «ئۈچ خىل كۈچ» يەنىلا جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئۆلۈم ئالدىدا جان تالاشماقتا، ئۇلار شىنجاڭنىڭ باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان زەھەرلىك ئۆسمە، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان مەنبە؛ بىزنىڭ كادىرلار قوشۇنىمىزغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ بۇزغۇنچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا، ئۇلار تېخىمۇ ھىيلىگەر، تېخىمۇ رەزىل. بىز جەزمەن قىلچە رەھىم قىلماي «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تارتىپ چىقىشىمىز، پاكىز تازىلىشىمىز كېرەك.

    پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى:

    بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يادرونى قوغدايمەن. مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يادرونى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى بولىمەن.

    تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. مەن ئىدىيەۋى تونۇشۇمنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ئۆستۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى سىياسىي ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەممە خىزمەتنى باش نىشاننى چۆرىدەپ پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىمەن، بارلىق خىزمەتتە باش نىشانغا بويسۇنىمەن، مۇلازىمەت قىلىمەن. قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدا مەيدانىمنى قەتئىي قىلىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

    باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە تاقابىل تۇرىمەن. مەن ئاكتىپ ھالدا نەمۇنىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر ۋاقىت سۆز- ھەرىكىتىمنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىلگىرىكىدەكلا ئەتراپىمدىكىلەرنى ياخشى باشقۇرىمەن، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن. باشلامچىلىق بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىل ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، رەزىللىكنى تولۇق يوقىتىش، يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش، ھەل قىلغۇچ جەڭدە غەلىبە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيمەن.

    ئىستىلىمنى ياخشىلاپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن. مەن باشلامچىلىق بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، قەتئىي ھالدا ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈشى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشى، ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولىمەن. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى كۆپرەك قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى پائال تارقىتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى