تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خوتەن قويۇق چاغان تۈسىگە كىردى، «بەخت» خېتى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

1- ئاينىڭ 26- كۈنى، خوتەن شەھىرى گۈلباغ كوچا باشقارمىسى جەنۇبىي ئۈرۈمچى يولى ئاھالە كومىتېتى «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز− خوتەن ئەدەبىيات- سەنئەت پىدائىيلىرى بەختنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. خوتەن شەھىرىدىكى ئۈچ خەتتات نەق مەيداندا ھەر مىللەت ئاھالىلەرگە «بەخت» خېتى، چاغانلىق چۈنليەن سوۋغا قىلىپ، چاغانلىق بەخت تىلىدى. (مۇخبىرىمىز جوۋ پېڭ فوتوسى)

    «باھار كەلسە بەخت كېلىدۇ، ئامەت كېلىدۇ، ئائىلە ئىناقلىققا تولىدۇ، كىشىلەر ئىتتىپاق ئۆتىدۇ، ئىشلار يۈرۈشىدۇ» «باھار كەلسە زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ، بەختكە چۆمگەن جۇڭگودا يېڭى كەيپىيات نامايان بولىدۇ»، سىياھ ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان چاغانلىق چۈنليەن، «بەخت» دېگەن خەت قەغەزلەرگە يېزىلدى، ئۇلارنى كىشىلەر بەس- بەستە ئېلىپ كەتتى...... 1- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن كېيىن، خوتەن شەھىرى گۈلباغ كوچا باشقارمىسى جەنۇبىي ئۈرۈمچى يولى ئاھالە كومىتېتىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدىن خۇشال كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، بۇ يەردە «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز− خوتەن ئەدەبىيات- سەنئەت پىدائىيلىرى بەختنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتاتتى.

    لى تاۋ قاتارلىق ئۈچ خەتتات نەق مەيداندا «بەخت» دېگەن خەت، چاغانلىق چۈنليەننى ھەر مىللەت ئاھالىلەرگە سوۋغا قىلىپ، چاغانلىق بەخت تىلىدى. بۇ كوچا باشقارمىسىنىڭ 19 مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ كەينى- كەينىدىن يېتىپ كەلدى، ئەنجۈ مەھەللىسىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى كاڭ ۋەنخۇڭ لى تاۋنىڭ قولىدىن يېڭىلا يېزىلغان چاغانلىق چۈنليەن ۋە «بەخت» دېگەن خەتنى ئېلىپ، ئېھتىيات بىلەن بىر يانغا يېيىپ قۇرۇتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىمىز، ھەممىمىزگە خۇشاللىق، ئامەت يار بولسۇن، بىز ھەر يىلى چاغانلىق چۈنليەن چاپلايمىز.

    شوۋدۇ گۈللۈكى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ئاينىسا ئابدۇقادىر مەخسۇس «كۆپ ئىشلىگەن كۆپ ئالۇر ھەممە خۇش بولۇر، مول ھوسۇل ئېلىنسا كۈنلەر شېرىن بولۇر» دەپ يېزىلغان بىر پارچە چاغانلىق چۈنليەننى ئارتۇق ئېلىۋېلىپ، بۇنى يېزىدىكى تۇغقىنىغا سوۋغا قىلماقچى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بايرام كەيپىياتى كۈندىن- كۈنگە قويۇقلاشماقتا، ھەممەيلەن چاغاننىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە.

    لى تاۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بەختنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى باشلاندى، خوتەن شەھىرى بىلەن بىڭتۈەن 14- شىسىدىن كەلگەن خەتتاتلار 12 مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، 10 مىڭ پارچىغا يېقىن «بەخت» خېتى ۋە چاغانلىق چۈنليەن سوۋغا قىلدى، پائالىيەت چاغانغىچە داۋاملىشىپ، خوتەن شەھىرىنىڭ بارلىق يېزا- بازار، كوچا باشقارمىلىرى ۋە بىڭتۈەننىڭ ھەرقايسى تۈەن- مەيدانلىرىنى قاپلايدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 30 مىڭ پارچە «بەخت» خېتى سوۋغا قىلىنىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئاممىنىڭ تەلىپى بويىچە بىز «جۇڭگونى سۆيىمەن» «جۇڭخۇانى سۆيىمەن» قاتارلىق خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى يېزىپ بېرىمىز، بىز كۆپچىلىكنىڭ خاسلىققا ئىگە ئېھتىياجىنى ئىمكانقەدەر قاندۇرىمىز. جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى سىڭدۈرۈلگەن چاغانلىق بەخت تىلىكىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش، ھەر بىر خەتتاتنىڭ ئارزۇسى.

    شۇ جايدىكى خەتتات فەن جۈنجوۋ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، «بەخت» خېتى ۋە چاغانلىق چۈنليەن سوۋغا قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت ئامما بىللە ئولتۇراقلىشىپ، ئورتاق يۇغۇرۇلۇپ، ئىتتىپاق- ئىناق ئۆتتى، كۆپچىلىك بىرلىكتە چاغاننى خۇشال- خۇرام كۈتۈۋېلىپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئەمەلىيلىشىپ چېچەكلەپ مېۋە بەرگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

    شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، خوتەن شەھىرىدىكى بىر توپ پېنسىيەگە چىققان ئاچىلاردىن تەشكىللەنگەن «ئالتۇندەك يىللار ئۇسسۇل ئەترىتى»دىكىلەرمۇ پائالىيەت ئۆيىگە كېلىپ، ئاھالىلەرگە ئۇسسۇل نومۇرى كۆرسەتتى. ئۇلار ئاز سانلىق مىللەت ئۇسلۇبىدىكى ئۇسسۇل كىيىملىرىنى كىيىپ، «چىنە ئۇسسۇلى» ئوينىدى. 67 ياشلىق سۈن خۇڭمېي بۇلتۇر 12- ئايدا بۇ ئۇسسۇلنى ئۆگىنىشنى باشلىغانىدى، ھازىر ئۇ ئاساسلىق ئۇسسۇلچى بولۇپ قالدى، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزئارا ئۆگىنىشى كېرەك، «چىنە ئۇسسۇلى» شوخ، قىزىقارلىق بولۇپ، چاغاننىڭ كەيپىياتىغا بەك ماس كېلىدۇ، بۇ نومۇر ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان خوتەن تۇنجى نۆۋەتلىك چاغانلىق بۇتخانا سەيلىسىگە تاللاندى، بىز ئەڭ ياخشى ئۇسسۇلنى تېخىمۇ كۆپ تاماشىبىنغا تەقدىم قىلىمىز.

    گۈلباغ كوچا باشقارمىسى خوتەن شەھىرىنىڭ مەركىزىي كوچا باشقارمىسى بولۇپ، كوچا، باغچىنىڭ ھەممە يېرىگە پانۇس ئېسىلىپ، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرە ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات كادىرى سۈي ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ پانۇسلارنى قىشلىق تەتىلدە قايتىپ كەلگەن ھەر مىللەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاستى، ئۇلار ئۆزلۈكىدىن پىدائىي بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى تېخىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە قىلدى.

    سۈي ۋېي مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا، كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى مەزمۇنى تېخىمۇ مول، شەكلى تېخىمۇ ئاممىغا يېقىن بولغان ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھەرمىللەت ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى