تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە قۇم كېچىپ لىنىيە چارلاش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي جىيۈ، دۇ جيەنخۈي خەۋىرى، فوتوسى

    1-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قۇم تىزگىنلەش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى باھارگۈل (سولدا) خىزمەتداشلىرى بىلەن تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبىسىنى رېمونت قىلماقتا.

  تۈپتۈز يول ئاياغ ئاستىمىزدىكى كەڭ زېمىننى پۈتۈنلەي بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى دۇنياغا ئايرىپ تۇراتتى.

  شەرققە نەزەر سالساق، تەكلىماكاندىكى قۇم بارخانلىرى يىراققا سوزۇلغان بولۇپ، شامال چىقىشى بىلەن، قۇرغاق ھاۋادا چاڭ-توزان كۆتۈرۈلەتتى؛ غەربكە نەزەر سالساق، قاتمۇقات سۆكسۆكلەر مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. سۆكسۆكلۈكتىن ئۆتكىنىمىزدە، توڭ ياتقۇزۇلغاندىن كېيىنكى نەم قۇم توپا ئاياغلىرىمىزغا چاپلىشىپ قالدى.

  بۇ جاي بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇش ئورنى، شۇنداقلا 43 ياشلىق ياسىن روزى 22 يىل ئىشلىگەن جاي ئىدى.

  ياسىن چەرچەن ناھىيەلىك بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمەت پونكىتىدا تېمىتىپ سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان ماشىنىلاشقان قۇدۇق ۋە يول بويىدىكى تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىدى. زىمىستان قىشتا تۇرۇبىدىكى سۇ توختاپ قالغان بولسىمۇ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە بوران ئۈسكۈنىلەرنى بۇزۇۋەتكەنىدى. ئەتىيازلىق سۇغىرىش مەشغۇلاتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چارلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتى بىر كۈنمۇ توختاپ قالسا بولمايتتى.

  1-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەردىلا، ياسىن گۇرۇپپا ئەزالىرىنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، بىر كۈنلۈك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «بۈگۈن بىز ئاساسلىقى 14 مىڭ مو يەردىكى ماشىنىلاشقان قۇدۇقنىڭ تۇرۇبا لىنىيەسى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەھۋالىنى چارلاپ كۆزىتىمىز، كۆپچىلىك ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ھەرىكەت قىلىمىز». ياسىن خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ، خىزمەت كىيىمى ئالماشتۇرۇپ، ئامبارغا بېرىپ سايمانلارنى ئېلىپ، گۇرۇپپىسىدىكى بەش خىزمەتدىشى بىلەن مىنىبۇسقا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتى.

  مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، بىز يەر يۈزىدە كۆرۈنۈپ قالغان نۇرغۇن تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبىسىنى كۆردۇق. ئون سانتىمېتىر توملۇقتىكى ئاساسىي تۇرۇبىنىڭ ھەربىر مېتىرىغا تارماق تۇرۇبا ئورنىتىلغان ھەمدە تارماق تۇرۇبىنىڭ ھەربىر مېتىرىغا بىردىن كىچىك تۆشۈك ئېچىلغان بولۇپ، ئۆسۈش مەزگىلىدە بۇ جايدىكى سۆكسۆك، توغراق، يۇلغۇنلارنى توختىماي سۇ بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  قىشتا تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغاچقا، نۇرغۇن تارماق تۇرۇبا ئاساسىي تۇرۇبىدىن ئاجراپ كېتەتتى، ياسىن ۋە خىزمەتداشلىرى ئامبۇر بىلەن ھەم قېتىپ، ھەم چۈرۈكلىشىپ كەتكەن تۇرۇبا ئۇلاقلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ياغاچ بولقا بىلەن يېڭى ئۇلاقلارنى ئاساسىي تۇرۇبىغا قايتا مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاندىن سىم بىلەن تارماق تۇرۇبىنى ئۇلاققا مۇقىملاشتۇردى... قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنگەن بۇ ئىشنى ياسىن قاتارلىقلار چۈشتىن بۇرۇن نەچچە ئون قېتىم، ھەتتا 100 قېتىملاپ تەكرار قىلدى. خىزمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەھرىتان سوغۇقتا ياسىن ۋە خىزمەتداشلىرى پەلەينى سېلىۋېتىپ مەشغۇلات قىلغاچقا، بارماقلىرى بىردەمدىلا توڭلاپ قېتىپ قالدى.

  چوڭ بىر يۆگەم سىم چۈشتىن بۇرۇنلا ئىشلىتىلىپ تۈگىدى، ھالبۇكى، لىنىيەنى چارلاش، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش خىزمىتى تېخىچە ئاخىرلاشمىغانىدى.

  «2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى سۇ قويۇپ بېرىمىز، بۇنىڭدىن بۇرۇن بىز يەنە چىڭ تۇتۇپ تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىمىز» دېدى ياسىن.

  چەرچەن ناھىيەلىك بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمەت پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى تۇڭ گېيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 1998-يىلى قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن تارتىپ 2018-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ قۇم تىزگىنلەپ ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمى 115 مىڭ موغا يەتتى. جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان 23 كىلومېتىرلىق بۇ يېشىل توسۇق چەرچەن ناھىيەسىدىكى ئانا دەريا−چەرچەن دەرياسىنى قوغداپ قالدى ھەم چەرچەن ناھىيە بازىرىنى قۇم-بوراننىڭ زىيىنىدىن يىراقلاشتۇردى.

  ياسىن مۇنداق دېدى: ھەر يىلى ئەتىيازدا، يۇلتۇزلاردەك ئاندا-ساندا تۇرغان يېشىللىقنىڭ پۈتۈن دالىنى قاپلىغانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.

  شۇنداق، كۈنلەر ئۆتتى، يىللار ئۆتتى، 22 يىللىق تىرىشچانلىقنىڭ ياسىنغا قالدۇرغىنى چېكىسىدىكى ئاق چاچ ۋە چىرايىدىكى قورۇق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئىپتىخارلىقتۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى