تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ غەربكە كېڭىيىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى

  «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتى چىڭ تۇتۇلدى

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ شىڭرۈي، پىراكتىكانت جاڭ جىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 22- كۈنى، گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىلى شىنجاڭ شىركىتى» دېيىلىدۇ)نىڭ ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، قۇراشتۇرۇلۇۋاتقان ئاپتوموبىللار ئىشچىلارنىڭ مەشغۇلات قىلىشى بىلەن، ئاقما لىنىيەدە تەرتىپلىك يۆتكىلىۋاتاتتى.

  2018- يىلى، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگىنىگە بىر يىلمۇ بولمىغان گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىلى شىنجاڭ شىركىتى 5080 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقاردى. شىركەت ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لۇ ۋېيگاڭ مۇنداق دېدى: شىركەتنىڭ تەرەققىيات نىشانى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئەمدىلا تاشلانغان كىچىككىنە بىر قەدەم.

  گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىلى شىنجاڭ شىركىتى 2018- يىلى 3- ئاينىڭ بېشىدا قۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاي ئاخىرىدا تۇنجى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلدى. بۇلتۇر يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى ئاق رەڭلىك گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىلى چۇەنچى GS4 ئاپتوموبىل تىپى بولۇپ، پەقەت ئۈچ خىل سەپلىمىلىكلا ئىدى.

  بۇ يىل، بۇ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. «كېيىنكى يېرىم يىلدا، شىركەت گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىلى چۇەنچى GS8 ئاپتوموبىل تىپىنى كىرگۈزىدۇ، شۇنداقلا ئاپتوموبىلنىڭ سەپلىمىسى، رەڭگى تېخىمۇ كۆپ خىللىشىدۇ». لۇ ۋېيگاڭ مۇنداق دېدى: شىركەت سېتىلىشقا ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىشنى بەلگىلەيدىغان تىجارەت پىكىر يولىغا ئەمەل قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتوموبىل تىپىنى كۆپەيتىشنىڭ ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزگەرتىش، ئىشلەپچىقىرىش رىتىمىنى تەڭشەش قاتارلىقلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى 6000 ئاپتوموبىل قىلىپ بېكىتتى.

  دۇڭفېڭ سودا ئاپتوموبىلى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ يىل تۈزگەن ئىشلەپچىقىرىش پىلانى بۇلتۇرقىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىركەتنىڭ شىنجاڭدىكى زاۋۇتى سۆرەش ئاپتوموبىلىدىن 2000نى ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى تاماملاشتىن سىرت، يەنە كوزۇپلۇق ئاپتوموبىل، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىلى، مۇھىت تازىلىقى ئاپتوموبىلى قاتارلىق ئاپتوموبىل تىپلىرىنى تەرەققىيات مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، پۈتۈن يىللىق پىلاندىكى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئوتتۇرا، ئېغىر تىپتىكى سودا ئاپتوموبىلىنىڭ سانىنى 4000دىن 5000غىچە يەتكۈزىدىكەن.

  شىركەت تەگلىك ئاپتوموبىل كەسپى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چېن شىنجېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇڭفېڭ سودا ئاپتوموبىلى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى ئىلگىرى سۆرەش ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەم ئەتراپىدىكى بازارلارنىڭ يەنىمۇ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، شىركەت بۇ يىل مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشەپ، بازار ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلىشىدىغان ئاپتوموبىل تىپلىرىنى بازارغا سالىدۇ.

  بازار ئېچىش جەھەتتە، بۇ يىل نۇرغۇنلىغان ئاپتوموبىل كارخانىسىنىڭ يېڭى پىلانلىرى بار. لۇ ۋېيگاڭ بىزگە مۇنداق دېدى: گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىلى شىنجاڭ شىركىتى شىنجاڭنى مەۋقە قىلىپ، غەربىي شىمالغا يۈزلىنىش بىلەن بىللە، بۇ يىل ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىشتا بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  شىنجاڭدىكى ئېغىر تىپلىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەنشى ئاپتوموبىلى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىمۇ بۇ يىل بازار ئېچىشتىكى مۇھىم نۇقتىسىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قويدى. شىركەت تېخنىكا - سۈپەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى چېڭلىن مۇنداق دېدى: شىركەت بۇ يىل ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىدا 3000 ئاپتوموبىل سېتىشنى پىلانلىدى، بۇ بۇلتۇرقىنىڭ بەش ھەسسىسىگە يېقىنلىشىدۇ.

  بۇلتۇر، شەنشى ئاپتوموبىلى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى 2900دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىپ، 880 مىليون يۈەن مەھسۇلات قىممىتى ياراتتى. بۇ يىل، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 5100گە، مەھسۇلات قىممىتىنى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش نىشانىنى بېكىتتى. لى چېڭلىن مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشى، شىركەتنىڭ غەربكە تەرەققىي قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، شىركەت يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش جەھەتتىمۇ مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولغاچقا، ئېكسپورت سالمىقىنى ئاشۇرۇشتىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى