تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تىرىشىپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن

  قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەي جىنجيې

  مەن شىنجاڭنىڭ يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، ئۆسۈپ چوڭ بولۇپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ يېزىلارغا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىگە گۇۋاھ بولدۇم. پارتىيە تەشكىلىنىڭ كۆپ يىل غەمخورلۇق قىلىشى، تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشى ئارقىلىق، مەن تەدرىجىي بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. مېنىڭ ھەربىر ئۆسۈپ يېتىلىش قەدىمىم پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھەر مىللەت خىزمەتداشلىرىمنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ، مەن باشتىن-ئاخىر مىننەتدارلىققا تولغان قەلبىم بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلققە جاۋاب قايتۇرىمەن.

  ئېسىمدە قېلىشىچە، كىچىك ۋاقتىمدا، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى ئىتتىپاق-ئىناق بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتەتتى. مەيلى چاغان، دۇەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى ياكى روزى ھېيت، قۇربان ھېيت بولسۇن، كۆپچىلىك ھەممىسىنى بىرگە ئۆتكۈزەتتى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاپ، ئۆزئارا بەخت تىلەيتتى؛ يەيدىغان ياخشى نەرسىلەر بولسا، كۆپچىلىك بىرگە بەھرىلىنەتتى؛ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئامال تاپاتتى.

  ھالبۇكى، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياخشى كۈن كەچۈرۈشىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، ئۇلار مىللەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولغان ئومۇملۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىش جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى.

  بىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن خىزمەت داۋامىدا «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە مۇناسىۋەتلىك دېلولار بىلەن كۆپ ئۇچراشتىم، مەن بۇنىڭدىن «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ رەزىل ئەپت-بەشىرىسىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ يەتتىم، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ چۈشىنىپ يەتتىم. پارتىيەلىك بىر ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتەلەيدىغان سىياسىي پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈپ، ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش شەمشىرىنى چىقىرىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى چوڭقۇر قېزىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ، تىرىشىپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايمەن.

  مەن پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىيدا زېرەك ئادەم، ئېتىقادتا سادىق ئادەم، ھەرىكەتتە سەمىمىي ئادەم بولۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا شەرت قويماي، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشتا مۈجمەل بولماي، تۆۋەن چەكنى ساقلاشتا ھالقىپ كەتمەي، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئۇلارغا قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىمەن.

  شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. مەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتەك ئېغىر مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممەمگە ئېلىپ، ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىش، تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەرىكەتتە ئاڭلىق بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قەتئىي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ــــ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ــــ ئاپەت. مەن ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان ياخشى كەيپىياتنى تىرىشىپ يارىتىمەن. بولۇپمۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىمەن.

  مەن مەۋقەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئىش ئورنىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىمەن، سىياسىي تۆۋەن چەكتىن ھالقىپ كەتمەيمەن، سىياسەت چېگرا سىزىقىنى دەسسىمەيمەن، ئىنتىزام قىزىل سىزىقىغا تەگمەيمەن. باشتىن-ئاخىر قەلبتە چىڭ ساقلاش، ھەرىكەتتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنى سادىق قوغدىغۇچى بولۇشتەك مۇقەددەس بۇرچنى ئادا قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇپ، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى چوڭقۇر قېزىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىمەن، ئىسسىق قېنىم ۋە ساداقەتمەنلىكىم بىلەن جاراڭلىق قەسىمىمنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، قەتئىي تۈردە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى