تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ھازىرقى ھەربىر كۈنىمىز ئۈمىدكە تولدى»

  مۇخبىرىمىز شيې خۇيبيەن

  مەمەتجان مەتنۇر (ئوڭدا) لوپ ناھىيەسىدىكى بىر چاچ بۇيۇملىرى كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشداشلىرىغا يالغان چاچ ياساشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چۈشەندۈرمەكتە.

(مۇخبىرىمىز شيې لۇڭ فوتوسى)

  2018- يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى، لوپ ناھىيەسىدىكى بىر چاچ بۇيۇملىرى كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگىنىمدە، كۆرگەزمە رايونىدىكى ھەر خىل يېڭى پاسۇندىكى رەڭلىك كەيمە چاچلار دەرھال دىققىتىمنى تارتتى. ماشىنىلارنىڭ ئاۋازى چىققان تەرەپكە قارىدىم، ھەربىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ناھايىتى ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. سېخ مەسئۇلى مەمەتجان مەتنۇر بىرنەچچە ئىشچى - خىزمەتچى بىلەن بىللە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يالغان چاچنى قانداق قىلىپ تەلەپكە لايىق ئۆرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى.

  «ھازىرقى مۇشۇنداق تۇرمۇشتىن ھەربىر كۈنىمىزنىڭ ئۈمىدكە تولغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن». مەمەتجان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«ئەگەر كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىش ۋە تەربىيەنى قوبۇل قىلمىغان بولسام، مەن ئېھتىمال تېخىمۇ يامان يولغا ماڭغان بولاتتىم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنى قۇتۇلدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ماڭا يېڭى كىشىلىك تۇرمۇش ئاتا قىلدى».

  مەمەتجان دەۋاتقان يېڭى تۇرمۇش زادى قانداق؟ شۇ كۈنى مۇخبىر مەمەتجان خىزمەت قىلىۋاتقان، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان جاينى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدا يېقىندىن بۇيان يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئىگىلىدى.

   ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش يۆنىلىشىنى تېپىش

  «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزمەيلا ئوقۇشتىن توختاپ قالدىم. كېيىن تېز يوللانما يەتكۈزدۈم، مۇلازىمەتچى بولدۇم، ساتىراشلىق قىلدىم... كۈنلەرنىڭ بىرىدە باشقۇرغۇچى خادىم بولۇپ قېلىشىمنى ئەزەلدىن ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن». 12- ئاينىڭ 27- كۈنى، مەمەتجان مۇخبىر بىلەن ئىلگىرىكى تۇرمۇشى توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا توختىماي سۆزلەپ كەتتى.

  2017- يىلى 5- ئايدا، مەمەتجان لوپ ناھىيەسىدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كەلگەن. بۇ جايدا، ئۇ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەتلەرنى ئۆگەنگەن، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال باھالاشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، 2018- يىلى 12- ئاينىڭ بېشىدا كارخانىغا كېلىپ رەسمىي ئىشقا ئورۇنلاشقان.

  «بۇ جايدا، مەن ئۆزۈمنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش يۆنىلىشىنى تاپتىم». مەمەتجان مۇنداق دېدى: «مەن ئىلگىرى بەك گاڭگىراپ يۈردۈم، قانۇننىمۇ چۈشەنمەيتتىم، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولىغا ماڭدىم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ماڭا قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش پۇرسىتى بەردى. ھازىر ھەر كۈنى ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن، كۈرەش نىشانىم بولغاچقا، كۆڭلۈم ناھايىتى توق ئۆتىدۇ». مەمەتجان مۇخبىر بىلەن پاراڭلىشىپ مېڭىۋېتىپ، بەزىدە ئېڭىشىپ يەرگە چېچىلىپ كەتكەن يالغان چاچلارنى تېرىپ، ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن جايىغا قويۇپ قوياتتى.

  «مەمەتجان يېتەكلەۋاتقان گۇرۇپپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغاچقا، ئۇ ناھايىتى تېزلا سېخنىڭ مەسئۇللۇقىغا ئۆستۈرۈلدى. ئۇنىڭ ھازىر ئايلىق كىرىمى 4000 يۈەن ئەتراپىدا، ئەگەر تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلسا، ئايلىق كىرىمىنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىدا گەپ يوق». كارخانا مەسئۇلى ۋاڭ تەن مۇنداق دېدى: تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەلەش مەركىزىدە ئەمەلىي مەشىق مەشغۇلاتى قىلىش ئارقىلىق كارخانىغا كىرگەندە ناھايىتى تېزلا رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ناھايىتى كۆپ تەربىيەلەنگۈچى مەمەتجانغا ئوخشاش باشقۇرغۇچىلىق ئىش ئورنىغا چىقتى.

  ماھارەت ئۆگىنىش ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇھىم يولى. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى شۇ جاينىڭ جەمئىيەت ئېھتىياجى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شارائىتىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئارزۇسى، شارائىتى بار تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ جايدىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، تەربىيەلەشنى تۈگەتكەن تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئارزۇسىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئالدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  «مېنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ، كەلگۈسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانا باشقۇرغۇچى بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاتا - ئانامنىمۇ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئويۇم بار» دېدى مەمەتجان تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

   تىرىشىپ بىلىم ئۆگىنىپ جەمئىيەتكە ماسلىشىش

  خىزمەتتىن سىرت، مەمەتجاننىڭ ئەڭ چوڭ قىزىقىشى كىتاب ئوقۇش. «شياڭزى تۆگە»، «روبىنزۇننىڭ سەرگەردانلىق خاتىرىسى»... ئۇ ئوقۇغان ھەربىر كىتابىنىڭ مەزمۇنىنى ئاساسەن سۆزلەپ بېرەلەيدۇ.

  «ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشنى چەتكە قاققانىدىم، كىتاب ئوقۇشتىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايتتى». مەمەتجان مۇنداق دېدى: «كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بارغاندىن كېيىن، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە تىرىشىپ بىلىم ئىگىلەش كېرەكلىكىنى، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشقىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزنى تاشلىۋەتمەيلا قالماي، يەنە بىزگە ئۆگىنىش پۇرسىتى بەردى. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەمنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ھازىر كۆرىدىغان كىتابلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى».

  «مەن <ئاددىي دۇنيا> دېگەن كىتابنى ئوقۇشنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن، باش قەھرىماننىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەت ھاسىل قىلمايدىغان، تىز پۈكمەس خاراكتېرى ئىزچىل مېنى رىغبەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە». مەمەتجان مۇنداق دېدى: يېڭىدىن گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستۈمگە ئالغان ۋاقىتتا باشقۇرۇشنى بىلمەي، زاۋۇتتىكىلەر بىلەن ئالدىن پىكىر ئالماشتۇرمىغاچقا، خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ بولالماي، كۆپچىلىكنىڭ كۈندۈزى قىلىدىغان ئىشى يوق، كېچىسى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدىم. ئەينى چاغدا بەزى ئىشچى - خىزمەتچىلەر يۈزۈمدىن يۈزۈمگە «بۇ ئىشنى قىلالامسەن - قىلالمامسەن؟ قىلالمىساڭ باشقىلار قىلسۇن» دېدى.

  «ئۇ چاغدا بېسىم ئېغىر بولغاچقا، ۋاز كېچىشنى ئويلىغانىدىم. كېيىن <ئاددىي دۇنيا>دىكى سۈن شاۋئەننىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئەسكە ئېلىپ، ئۇ شۇنچە كۆپ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ يەنىلا بىمالال يۈزلىنەلىگەن، مېنىڭ بۇنچىلىك قىيىنچىلىقىم نېمىگە ھېساب؟ دەپ ئويلىدىم. كارخانىنىڭ باشقۇرغۇچى خادىملىرى مېنى ئىزچىل رىغبەتلەندۈردى، يەنە مەخسۇس ماڭا كارخانا باشقۇرۇش جەھەتتىكى كىتابلارنى ئېلىپ بەردى. كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىدە، ئاخىرى مەن قەتئىي داۋاملاشتۇردۇم». مەمەتجان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «دادام <ئاددىي دۇنيا> دېگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن بۇ كىتابنى ماڭا مەخسۇس ئېلىپ بەرگەنىدى، مەن ئۈچ قېتىم ئوقۇپ بولدۇم. دادام مېنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى داۋاملىق ياخشى ئۆگىنىشىمنى ئۈمىد قىلىدۇ، مېنىڭ دۇرۇس ئوغۇل بالا بولۇشۇمنى، قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغاندا ئاسانلىقچە بەل قويۇۋەتمەسلىكىمنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ».

   ئائىلىگە يېڭى ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىش

  ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، مۇخبىر مەمەتجان بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئازادە، رەتلىك ھويلىدا جۇڭگوچە ئۇسلۇبتىكى تۇتۇق قىزىل رەڭلىك دېرىزە بالداقلىرى ئىنتايىن چىرايلىق كۆرۈنەتتى. ئۆيگە كىرگەندە، مەمەتجاننىڭ ئاتا - ئانىسى مېھمان كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۈستەلدىكى تاتلىق تۈرۈم ۋە مېۋە - چېۋىلەرنى ئېلىپ كۆپچىلىكنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

  مەمەتجانمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، مەشكە كۆمۈر سېلىپ، سۇ قاينىتىپ، ھويلىنى يىغىشتۇردى. «ئوغلۇم ئىشچان بولۇپ كەتتى، بارغانسېرى كۆيۈنىدىغان بولدى، بىزگە ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىدىغان بولدى... ئىلگىرى ھېچقانداق ئىش قىلمايتتى، جەمئىيەتتە بىكار لاغايلاپ يۈرۈپ، بىزنى ئەنسىرىتىپلا يۈرەتتى، يەنە سىرتتىكىلەرگە ئەگىشىپ يامان ئۆگىنىپ قالغانىدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، بۇ، پۈتۈن ئائىلىمىزگە يېڭى ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى» مەمەتجاننىڭ دادىسى مەتنۇر جۈمە مۇخبىرنى كۆرگەندىن كېيىن، توختىماي سۆزلەپ كەتتى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن خۇشاللىقى ئەكس ئېتەتتى.

  ئانىسى تۇرسۇننىيازخان چورۇقنىڭ قارىشىچە، ئوغلىدىكى ئەڭ روشەن ئۆزگىرىش ئوغلىنىڭ قىزغىن بولۇپ كەتكەنلىكى ئىدى. «ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنى - سىڭىللىرىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماي، ھەپتە ئاخىرى قايتىپ كەلگەندە يەنە دائىم كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ ياردەملىشىدۇ». تۇرسۇننىيازخان مۇنداق دېدى: «ئوغلۇمنىڭ بىردىنلا چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم».

  خوشلىشىدىغان چاغدا، مەتنۇر مۇخبىرغا پىچىرلاپ، ئوغلىنىڭ كارخانىدا «رەھبەر» بولغانلىقىنى، تېخىمۇ مۇھىمى يەنە كەنتتە «ئەتىۋارلىق» بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. مەمەتجان دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ياخشى ئۆگەنگەن، يەنە قانۇن - نىزام بىلىملىرىنى بىلىدىغان بولغاچقا، كەنت كادىرلىرى ئۆيىگە بىر نەچچە قېتىم ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭ كېيىنچە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا كېلىپ ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلدى. «بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولدى، ئەگەر ئوغلۇم كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلەنمىگەن بولسا، ئېھتىمال بۇرۇنلا <ئۈچ خىل كۈچ> تەرىپىدىن تۇيۇق يولغا باشلاپ كېتىلگەن بولاتتى» دېدى مەتنۇر ھاياجانلانغان ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش