تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېڭى ئارزۇسى

  كەرياڭ كەنتى ـــــ

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېڭى ئارزۇسى

  مۇخبىرىمىز ياڭ شۇخەن

  «مېنىڭ تۇغقىنىم چارۋىچىلار ئارامگاھى ئېچىپ، بۇلتۇر يازدا 70 نەچچە مىڭ يۈەن تاپتى، بىزنىڭ كەنتنىڭ شارائىتى ئۇلارنىڭكىدىن كۆپ ياخشى، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ، بېيىمەن» دېدى 1- ئاينىڭ 20- كۈنى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى بەلدىر يېزىسى كەرياڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى نىيازخان شارام ئۆزى ئاچقان چارۋىچىلار ئارامگاھىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ خۇشال ھالدا.

  ناھىيە بازىرىدىن 55 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كەرياڭ كەنتىنىڭ نۇرغۇن جايىدا ئۆزگىچە ئەۋزەل تەبىئىي مەنزىرىلەر بار، مەسىلەن، كەرياڭ لۇڭچى كۆلى، شېنشياڭ تېغى، شيەنرېن جىلغىسى، شىڭخۇا جىراسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھېچقانداق سۈنئىي ئامىل ئارىلاشمىغان تەبىئىي مەنزىرىلەر ھېسابلىنىدۇ.

  2018- يىلى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەرياڭ كەنتى ياغاچ ئويما باغچىسى، مەنزىرە دەرەخ باغچىسى، تاش ئويما باغچىسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئورمان باغچىسى بەرپا قىلدى ھەم شۇ جاينىڭ خاسلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل»، يارداڭ يەر شەكلى ۋە يۇلتۇزلۇق ئاسماندىن ئىبارەت ئۈچ باش تېمىلىق باغچە بەرپا قىلدى، يەنە «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل»نى باش تېما قىلغان ئۈچ سەنئەت سارىيى بەرپا قىلدى.

  مۇخبىر كەنتنىڭ چىغىر يولىدا كېتىۋېتىپ، يىراقلارغا نەزەر تاشلىدى، قارلىق تاغ كۈن نۇرىدا جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، سۈپسۈزۈك، كۆك ئاسماندا بۈركۈتلەر پەرۋاز قىلاتتى، تاغ ئېتىكىدە سۇلار شىلدىرلاپ ئاقاتتى، بۇ ئەنە شۇنداق ئىناق، گۈزەل، تىپتىنچ كەنت ئىدى.

  «بىز تاجىكلارنىڭ ئۆرپ - ئادەت خاسلىقىغا ئىگە ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى يارىتىۋاتىمىز، ساياھەتچىلەرگە تاماق، ياتاق، قاتناشتىن تارتىپ ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىشقىچە، ئېگىزلىك ساياھىتىنىڭ يېڭىلىق تۇيغۇسى، سىرلىقلىق تۇيغۇسىنى ئەتراپلىق ھېس قىلدۇرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، بەلدىر يېزىسى كەرياڭ كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى شيۇڭ چىجوۋ مۇخبىرغا.

  دۆلەتمەمەت ئالىمقۇل ئائىلىسى كەنتتىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل» چارۋىچىلار ئارامگاھى ئۈلگە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى، ئۇ مەخسۇس 80 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيىنى بوشىتىپ ئائىلىۋى ياتاق قىلدى. ئۆي ئىچىگە كىرگىنىمدە، رەتلىك تىزىلغان رەڭگارەڭ يوتقان- كۆرپىلەر ۋە كەشتىلەنگەن ياستۇقلار گاز ياغلىق بىلەن يېپىلغانىدى. نەپىس ئىشلەنگەن نەقىش گۈلى، كۆڭۈل قويۇپ شىردالغان شىرداق ئايال ئۆي ئىگىسىنىڭ كەشتىچىلىك ماھارىتىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. ئۆينىڭ تېمىغا تەرتىپ بويىچە ئون تال داپ ئېسىلغان، ھەربىر داپنىڭ يۈزىگە كىيىم - كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى، يېمەك- ئىچمەك، ئوغلاق تارتىشىش، ئۇسسۇل، توي مۇراسىمى قاتارلىق تاجىك مىللىتىنىڭ تۇرمۇشى، مەدەنىيەت ئۆرپ - ئادەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر چۈشۈرۈلگەنىدى.

  شيۇڭ چىجوۋ داپنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: بۇ كىچىككىنە داپقا تاجىك مىللىتىنىڭ ئۆرپ - ئادىتى، مەدەنىيىتى ئاساسەن مۇجەسسەملەنگەن، ئەمدى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىمىز، داپلارنى يۈرۈشلۈك سوۋغاتلىق قىلىپ تەييارلايمىز، ساياھەتچىلەر ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ، ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرىغا سوۋغا قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، كەنتىمىز يەنە تاجىك دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تەبىئىي شارائىت ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى چۆرىدەپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەت مەدەنىيەت ئىجادىي مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ساياھەتچىلەرنى نەق مەيداندا ھېس قىلدۇرۇپ، ھۇزۇرلاندۇرۇپلا قالماي، مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ كېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

  «كەنتتە ساماۋار شورپىخانىسى ئېچىش ھەقىقەتەن بىر يېڭىلىق بولدى.» نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، كەنت ئاھالىسى شاكىر مالىك ئالايىتەن كەنتتىكى ساماۋار شورپىخانىسىغا بېرىپ تېتىپ كۆردى. «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل» ساماۋار شورپىخانىسىنى تاجىك كەنت ئاھالىسى ئادىنە شەرناز بىلەن خەنزۇ يىگىت ۋاڭ دېڭ ھەمكارلىشىپ ئاچقانىدى.

  «بۇ ساماۋار شورپىخانىسىغا مەن 12 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالدىم، ۋاڭ دېڭ تېخنىكا بىلەن تەمىنلىدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يەنە بىزگە قازان ۋە خۇرۇجلارنى سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بەردى، تىجارەت باشلىغان تۇنجى كۈنىلا 1000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتۇق» دېدى ئادىنە ئالدىراش قولىدىكى ئىشلارنى قىلغاچ.

  ساماۋار شورپىخانىسىدىن چىقىپ ئالدىغا قاراپ ئازراقلا ماڭغاندا، نامرات ئاھالە شاباز سادەنشاھنىڭ تاللا بازىرىغا بارغىلى بولاتتى، مۇخبىر بۇ يەردە، بەش رەت مال جازىسىغا ھەرخىل تاۋارلارنىڭ ئايرىم - ئايرىم تۈرلەر بويىچە تىزىلغانلىقىنى كۆردى، شەھەرلەردىكى چوڭ تاللا بازارلىرىدىكى ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك بۇ يەردىن تاپقىلى بولاتتى.

  «تاللا بازىرىمدا تىجارەت باشلانغىنىغا ئەمدىلا 20 كۈن بولغان بولسىمۇ، مەن 10 مىڭ يۈەن پۇل تاپتىم!» دېدى شاباز خۇشال ھالدا، تاللا بازىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۇنىڭ ھەميېنىنى بارغانسېرى تومپايتتى، ئىشلەشكە بولغان غەيرەت - جاسارىتىنى بارغانسېرى ئۇرغۇتتى.

  كەرياڭ كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇنى ئافشا مۇنداق دېدى: «بىز تولۇق تەييارلىنىپ بولدۇق، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كەنتىمىزگە كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى، قونۇپ بېقىشىنى، ئېگىزلىكتىكى كىچىك تاغلىق كەنتنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ- ئادىتىنى ھېس قىلىپ بېقىشىنى كۈتۈۋاتىمىز».

  تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى جوۋ خاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن، پۈتۈن ناھىيە تېخىمۇ كۆپ تاجىك مىللىتى مىللىي ئۆرپ - ئادەت كەنت - مەھەللە توپى ئېچىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئېگىزلىكتىكى چارۋىچىلىق مەيدانى، دالا مەنزىرىسى بەرپا قىلىپ، چارۋىچىلار ئارامگاھى، بۈركۈت نېيى، بۈركۈت ئۇسسۇلى ئويۇنى، مىللىي قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى سېتىش، مىللىي كىيىم- كېچەك كۆرگەزمىسى قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنى كەنتتىن چىقمايمۇ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيالايدىغان قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى