يېقىندا قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، قويۇق تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە ناھايىتى گۈزەل تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسى پەيدا بولدى.
يىراققا نەزەر سالسىڭىز، ئاپئاق جۇخار گۈلى بىلەن بېزەلگەندەك قارىغايلار، كۈمۈش چېچەكلەرگە تولغان سۆگەتلەر ۋە خىلمۇخىل تۇمان سۆڭگىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئۆزئارا بىرىكىپ، كىشىلەرگە شېئىر ۋە سۈرەتلەردە تەسۋىرلەنگەن مەنزىرىلەرنى ئەسلەتتى.
مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، تۇمان سۆڭگىسى «سۆڭگە» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. تۇمان سۆڭگىسى، تۇمانلىق زىمىستان كۈنلەردە دەرەخلەرنىڭ شاخ - يوپۇرماقلىرىدا شەكىللەنگەن ئاق رەڭلىك بوش مۇز كرىستالى بولۇپ، يەنە تەبىئىي «ھاۋا تازىلىغۇچى» ھېسابلىنىلىدىكەن. كىشىلەر گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلغاندا ، ساپ ھاۋادىنمۇ قانغۇچە نەپەس ئالالايدىكەن.
(موڭغۇلكۈرە ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىردىن تەرجىمە قىلىندى)