ئاق قېيىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقى كۈن نۇرى ۋە شامالنىڭ تەسىرىدە يۆگىشىپ، ئاجايىپ «ئۈزۈك» نىڭ شەكلىگە كىردى، ئۇنىڭغا خۇددى نۇرغۇن سىرلار يوشۇرۇنغاندەك قىلاتتى.
مۇخبىرىمىز ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى: قابا ناھىيەسىنىڭ «كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان قاردىكى ئاق قېيىنزارلىق» ساياھەت بايرىمى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى باشلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى قابا ناھىيەسىگە كېلىپ ساياھەت قىلىپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن بەھرىلىنىشكە جەلپ قىلدى.
قابا ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسى باشلىقى ۋاڭ شىنچياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىملىق ساياھەت بايرىمىدا ياڭگىر ئۇسسۇل ئەترىتىنىڭ ئېسىل نومۇرلىرى ئورۇندىلىدىكەن، قاردا چانا سۆرەش، قاردا ئارغامچا تارتىشىش، قار ئويمىسى ياساش، ياش-ئۆسمۈرلەر قاردا پۇتبول ئويناش، چېلىشىش، ئوقيا ئېتىش، قاردا ئات چاپتۇرۇش، قاردا بېلىق تۇتۇش قاتارلىق مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن، يەنە فوتو سۈرەت بايرىمى ۋە «گۈزەل قابا» ماي بوياق كۆرگەزمىسىمۇ ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ساياھەت كۆجۈم جايى بولغان قابا ناھىيەسى قاناس كۆلى ۋە بەيشا كۆلىدىن ئىبارەت 5A دەرىجىلىك ئىككى مەنزىرە رايونىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، ئاق قېيىنزارلىق، ئاققابا، قالۇڭ جىلغىسى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرە ريونلىرى بار، ئاق قېيىنزارلىقنىڭ كۆلىمى 247 كىۋادىرات كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، «جۇڭگودىكى 1-ئاق قېينزارلىق» دېگەن نامغا ئىگە.