تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت بايلىقى نۇرغۇن سېلىنما جەلپ قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: «شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، مۇقىملىقنىڭ پايدىسى داۋاملىق تارقىتىلىۋاتىدۇ، زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇۋاتقان ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدىن بىز شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۆرۈپ يەتتۇق». 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ تيەنكۇڭجىچېڭ ساياھەت مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ما خەييۈەن مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا تۆۋەن بوشلۇق ساياھەت تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تولۇق ئىشەنچى بارلىقىنى ئېيتتى.

  2018-يىلى 9-ئايدا، ما خەييۈەن سايرام مەنزىرە رايونىغا 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئىسسىق ھاۋا شارى، ئۈچ بۇرجەكلىك قاناتلىق پىلانېر، تىك ئۇچار ئايروپىلان قاتارلىق تۆۋەن بوشلۇق ساياھەت تۈرلىرىنى ئاچقان.

  بىپايان قۇملۇقلار، چەكسىز چۆللۈكلەر، بۈك- باراقسان بوستانلىقلار، بىپايان يايلاقلار، ئاپئاق قارلىق تاغلار، سۈپسۈزۈك كۆللەر، قەدىمكى يىپەك يوللىرى... شىنجاڭ دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ساياھەت بايلىقىغا ئىگە، سانى كۆپ، تۈرى تولۇق، تەبىئىي شارائىتى ياخشى، سۈپىتى يۇقىرى، بىرىكىشى ئەلا، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، نۇرغۇن كارخانىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغاچقا، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىگە بەس-بەستە مەبلەغ سالدى.

  بۇ يىل 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) لوپنۇر ناھىيەسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ئەۋزەل بايلىقنى قوغداش خاراكتېرلىك ئاچىدىغان بولدى؛ شىنجاڭ شىنيى ساياھەتچىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئالتاي ۋىلايىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئالتاي ۋىلايىتىدە يۇقىرى دەرىجىلىك زەنجىرسىمان مېھمانساراي ئاچىدىغان بولدى...

  شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ شىنيى ساياھەتچىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى شىنجاڭنىڭ مول ساياھەتچىلىك بايلىقىغا تايىنىپ، ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى تۈرىنى راۋاجلاندۇردى. «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، 2018-يىلى بىز ئايرىم-ئايرىم ھالدا سايرام مەنزىرە رايونى، چاشى مەنزىرە رايونىغا 15 مىليون يۈەن ۋە 12 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى ئاچتۇق»، دېدى شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ لى.

  كۆكتوقاي 3-نومۇرلۇق كان ئازگىلى، يەر تەۋرەش ئۈزۈلمە بەلبېغى خارابىسى، كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى، ئارشاڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقى. 2006-يىلىلا، شەندۇڭ زىبو شاڭشا گۇرۇھى كۆكتوقاي ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئېچىش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغان. 2007-يىلى 2-ئايدا، شەندۇڭ زىبو شاڭشا گۇرۇھى شىنجاڭ يۈەنفاڭ ساياھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي بازىرىدىكى ئېرتىش چوڭ جىلغىسى، قاراسېڭگىر يەر تەۋرەش ئۈزۈلمە بەلبېغى، كۆكسۇلىدىن ئىبارەت ئۈچ مەنزىرە نۇقتىسىنى ئاچقان بولۇپ، ھازىرغىچە 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى. «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساياھەتچىلەرنىڭ سىجىل كۆپىيىشى شىنجاڭدا مۇقىملىقنىڭ پايدىسىنى سىجىل تارقاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بىز ساياھەتچىلىكنى مەۋقە قىلىپ، ساياھەتچىلىكنى يادرو قىلغان كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىپ، مەنزىرە تاماشا قىلىش، ئىستىراھەت، دەم ئېلىش، كۈتۈنۈش، مال سېتىۋېلىش بىرگەۋدىلەشكەن چوڭقۇر ئىستېرېئولۇق ساياھەت ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز»، دېدى شىنجاڭ يۈەنفاڭ ساياھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈ چىڭ.

  ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنىدا، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپ ۋە ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم موتورىغا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلەر داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتىدۇ، مەدەنىيەت ساياھەت تۈرلىرى بىر-بىرلەپ ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ، تۈرلەرگە بىر-بىرلەپ مەبلەغ سالىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى