تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قەتئىي ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن

قاراقاش ناھىيەسى سايباغ يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ كادىرى ئاتاۋۇللا روزىباقى

  «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مىللەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، مىللىي ھېسسىياتقا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، مىللىي ئارازلىق پەيدا قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىتىگە تۆھمەت چاپلاپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى بۇنداق جىنايى قىلمىشلارنى كەچۈرگىلى بولمايدۇ. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جاراڭلىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىمەن، قەتئىي ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىمەن.

  بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىمەن. سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمەن، باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى داۋامىدا مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قابىلىيىتىم ۋە ئۇنىۋېرسال ساپايىمنى ئۆستۈرىمەن، مەيلى سەھنىدە بولاي ياكى سەھنىدىن چۈشكەندە بولاي، مەيلى ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا بولاي، ھەرگىزمۇ خاتا قاراش بىلەن بىر ئېقىندا بۇلغانمايمەن، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق سىياسىي پەزىلىتىمنى مەڭگۈ ساقلايمەن.

  قەتئىي ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆزلەرنى ھەرگىز قىلماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى ھەرگىز قىلماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولىمەن، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولىمەن، جەمئىيەتتە ئاكتىپ كۈچ تارقاتقۇچىلاردىن بولىمەن.

  بىرلىك سەپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ زىممەمدىكى خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە، تېخىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق، ئاڭلىق ھالدا كۆڭلۈمنى توختىتىپ، ئۆزۈمنى چوڭ تۇتماي، يىلتىز تارتىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىپ، قەتئىي ھالدا خىزمەتنى ياخشى، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەيمەن، ھەرمىللەت ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى