قەنت قوشۇش
گۆشلۈك، ئاچچىق سەي قورۇغاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن تۇزنى كۆپ سېلىۋەتسەك، مۇۋاپىق مىقداردا قەنت ياكى شېكەر سېلىپ تەمىنى تەڭشىسەك بولىدۇ. چۈنكى قەنت تىلنىڭ تۇز ۋە ئاچچىققا بولغان سەزگۈسىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
گەرچە بۇ ئۇسۇل ئاچچىقنى پەسەيتسىمۇ، ئەمما بەدەنگە قوبۇل قىلىنىدىغان ناترىينىڭ مىقدارىنى ئازايتمايدۇ، شۇڭا دوختۇر تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىش تەكلىپىنى بەرگەنلەرنىڭ قوللىنىشىغا ماس كەلمەيدۇ.
ئۇن ياكى گۈرۈچ قوشۇش
شورپا قايناتقاندا تۇزنى كۆپ سېلىۋەتكەندە، پاكىز داكىغا ئىككى قوشۇق ئۇن ياكى گۈرۈچنى ئوراپ شورپىغا سېلىپ ئارىلاشتۇرۇۋەتسەك تۇز تەمى تەڭشىلىدۇ.
ياڭيۇ قوشۇش
ياڭيۇمۇ تۇزنى سۈمۈرىدۇ، يەنە كېلىپ سەينىڭ ئەسلى تەمىنى بۇزىۋەتمەيدۇ. سەي تۇزلۇق بولۇپ قالسا ئازراق ياڭيۇ ياپراقچىسى سېلىۋەتسەك، بىر مىنۇتتىن كېينلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ ۋە سەيگە يەنە بىر تەم قوشۇلىدۇ.
دۇفۇ قوشۇش
دۇفۇدا دادۇرنىڭ خۇشپۇرىقى بار بولۇپ، سۈمۈرۈشچانلىقىمۇ ئالاھىدە ياخشى. ئەگەر شورپا تۇزلۇق بولۇپ كەتسە شورپىغا بىر نەچچە پارچە دۇفۇ سېلىۋەتسەك، دۇفۇ شورپىدىكى تۇزنى دەرھال ئۆزىگە سۈمۈرۈۋالىدۇ ۋە شورپىغا باشقىچە تەم كىرگۈزىدۇ. تۇزدىن باشقا، لازا ياكى باشقا خۇرۇچلارنى كۆپ سېلىۋېتىپ قالغاندىمۇ دۇفۇ سېلىشقا بولىدۇ. تۇز ياكى باشقا خۇرۇچلارنى ئۆزىگە سۈمۈرۈۋالغان دۇفۇنى ئايرىم ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
«شىنجاڭ ئاياللىرى» ئۈندىدار سۇپىسدىن تەرجىمە قىلىندى