تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

يېڭى دەۋردە يېڭى ئاياللارنىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس ئاينۇر مەخسەت

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئاياللار ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ياراتقۇچىسى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ. ئاياللار بولمىسا ئىنسانىيەت بولمايتتى، جەمئىيەت بولمايتتى». ئانا بالىنىڭ بىرىنچى ئوقۇتقۇچىسى، ئانىنىڭ دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى بالىنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ئەگەر سىز بىر ئانا بولسىڭىز، بالىڭىزغا شۇنداق ئېيتىڭكى: بىزنىڭ ۋەتىنىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، بىز ھەممىمىز جۇڭگولۇق. بالىنىڭ بىرىنچى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز ھەر ۋاقىت ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشنى، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھېسسىياتىنى، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنى بالىڭىزغا يەتكۈزۈپ، بۇ ئىدىيە ۋە قاراشلارنى بالىڭىزنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇڭ.

  ئەگەر سىز بىر ئانا بولسىڭىز، بالىڭىزغا تارىخنى توغرا تونۇش كېرەكلىكىنى ئېيتىڭ، ئۇنىڭغا جۇڭگونىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئېچىپ، گۈللەندۈرۈپ، قوغداپ، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلغانلىقىنى ئېيتىڭ. بالىڭىزغا شۇنداق ئېيتىڭكى: شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ئۆزىڭىزنىڭ شەك - شۈبھىسىز توغرا سۆز-ھەرىكىتىڭىز ئارقىلىق بالىڭىزنىڭ توغرا تارىخ قارىشى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىڭ.

  ئەگەر سىز بىر ئانا بولسىڭىز، بالىڭىزغا شۇنداق ئېيتىڭكى: شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى باشتىن-ئاخىر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. بالىڭىزغا كۆپرەك كىتاب ئوقۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ياخشى ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، دەۋر ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ھەممىنى سىغدۇرىدىغان، ئوچۇق، كۆپ مەنبەلىك ئىدىيە تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت- ماكانىنى قۇرۇپ چىقىشىنى ئېيتىڭ.

  ئەگەر سىز بىر ئانا بولسىڭىز، بالىڭىزغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۆگىنىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىڭ. بالىڭىزغا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ بۈگۈنىنى، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىزنى يېتەكلەپ ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈڭ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە- شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىدە چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت ئامما تېزرەك تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشىدۇ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقالايدۇ، بۇلار جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇق رىشتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىز قوبۇل قىلىشنىلا بىلىدىغان، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى، جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلمەيدىغان ئىشنى قەتئىي قىلماسلىقىمىز كېرەك. بالىڭىزغا ھەرگىز «تاماقنى يەپ، ئېغىزىنى سۈرتىۋېتىپ، ئانىسىنى ئۇنتۇيدىغان» ۋاپاغا جاپا قىلىدىغانلاردىن بولماي، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مىننەتدار قەلب بىلەن ئادەم بولۇش، ئىش قىلىشنى ئېيتىڭ.

  ئەگەر سىز بىر ئانا بولسىڭىز، بالىڭىزغا قانۇن ئۆگىنىش، قانۇننى بىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىڭ. جۇڭگو قانۇنچىل دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت ئىشلىرى قانۇن بويىچە باشقۇرۇلىدۇ، قانۇنغا رىئايە قىلغانلار ھۆرمەتكە ۋە ئىشەنچكە ئېرىشىدۇ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ، قانۇندىن مۇستەسنا ئادەم يوق، مەيلى قايسى مىللەت، قانداق ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جەزمەن قانۇن-قائىدە ئىچىدە ئىش قىلىشى كېرەك. بالىڭىزغا شۇنداق بىر داۋلىنى چۈشەندۈرۈڭكى: «قانۇندىن ئەيمەنگەنلەر ئەڭ خۇشال كىشىلەر»، گۈزەل كەلگۈسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، چوقۇم قانۇن ئۆگىنىدىغان، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇننى ئىشلىتىدىغان لاياقەتلىك پۇقرا بولۇش كېرەك.

  ئەگەر سىز بىر ئانا بولسىڭىز، بالىڭىزغا «ئىككى يۈزلىمىچى»لەردىن ھوشيار تۇرۇشنى ئېيتىڭ. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل ئىش قىلىدىغان، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك ئەمەس، تىلى تۈزۈك، دىلى بۇزۇق، ھىيلىگەر، زەھەرخەندە بولۇپ، ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچومىقى، ئۇلار پارتىيە ۋە دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلغان خائىنلار. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئوخشاشلا نومۇسسىز ۋە يىرگىنىشلىك بولۇپ، مۇقەررەر قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ، خەلقنىڭ نەپرىتىگە قالىدۇ. بالىڭىزغا مۇشۇنداق كىشىلەرگە يولۇققاندا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشنى، ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشنى ئېيتىڭ، مۇشۇنداق بولغاندىلا بالىڭىزنى قايمۇقتۇرۇش ۋە ئىسكەنجىدىن خالىي قىلالايسىز.

  ئەگەر سىز بىر ئانا بولسىڭىز، تىرىشىپ يۇقىرى ساپالىق ئانا بولۇڭ، ساپايىڭىز ۋە ئەخلاق-پەزىلىتىڭىزنى يۈكسەلدۈرۈڭ، ئۆزىڭىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، بالىڭىزغا ئۈلگە بولۇڭ. چىن قەلبىڭىزدىن بۇ يېڭى دەۋرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، بۈگۈنكى بارلىقىڭىزغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، يېڭى دەۋردە يېڭى ئاياللارنىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى