تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كۇچا ناھىيەسىدە تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى باشلاندى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر سەي شۇ، خاۋ جۈنفېڭ خەۋىرى): كۇچا ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قار ـ مۇز مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايرىمى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆرۈكزارلىق باغچىسىدىكى قار تېيىلىش مەيدانىدا باشلىنىپ، نەچچە مىڭ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

   كۇچا ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى مىرزىگۈل مەمەت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ ساياھەت بايلىقىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ساياھەت ئېچىش ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، «قەدىمكى كۈسەن . يىپەك يولىدىكى كۇچا»نى ساياھەتچىلىكتە تېخىمۇ تونۇتۇش مەقسىتىدە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۆتكۈزدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت داۋامىدا، «ساياھەت + كەسىپ»، «ساياھەت + مەدەنىيەت»، «ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۇچا ناھىيەسىدە پۈتۈن رايون ساياھىتى ۋە تۆت پەسىل ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى