تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

  (2019- يىلى 1- ئاينىڭ 20- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 40 ئەزاسى قاتناشتى، 206 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن قاتارلىق ئاپتونوم رايوندىكى رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، 2018- يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىدى، دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلىپ، 2019- يىللىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، يولداش ياڭ شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن «باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ۋەزىپىنى، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتايلى» دېگەن تېمىدىكى خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى.

  ئومۇمىي يىغىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى. بىردەك مۇنداق قارىدى: سۆز يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزاننى ئىزچىللاشتۇرۇشىغا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، سۆز يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە، ئىدىيەسى چوڭقۇر، بايانلىرى مۇپەسسەل، سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلەنگەن، جاراڭلىق - مەردانە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاشتىكى دەۋر غېمى، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشتەك يۈكسەك ئاڭلىقلىقىنى تولۇق نامايان قىلىشتا روشەن سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2018- يىلى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەزىپىسىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بوشاشماي، قەدەمنى توختاتماي، قايتا ئاتلىنىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىدە خوتنى يۆتكەپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قاراپ پۇختا قەدەم ئالدى. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەمر- پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىدىكى ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش قاتارلىق ۋەزىپە دائىرىسىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى قاتتىق جازالاپ، تۈزەپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى قوغداشتا مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. تېز، پۇختا قەدەم بىلەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنى ۋىۋىسكا ئېسىپ تەشكىللەپ قۇرۇش، خادىملارنى يۆتكەشنى قەرەلىدە تاماملاپ، ۋاكالىتەن ئەۋەتىپ نازارەت قىلىشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى تېزلىتىپ، ناھىيە دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ئەۋەتكەن يېزا - بازار(كوچا باشقارمىسى) رېۋىزىيە ئىشخانىلىرىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈردى. قەتئىي تەۋرەنمەي سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىنى بايقاش بىلەن تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادەتتىكى كۆزىتىش بىلەن مەخسۇس كۆزىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈشتە يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ نازارەت قىلىش تورىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى. ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇپ كۈچەيتىپ، دائىملىق نازارەتچىلىكنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلىدى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»نى، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىنى قەتئىي تۈزىتىپ، تۈزەپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قىممەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلات تۈرىدىكى ئالاھىدە بايلىقتىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلەش مەسىلىسىنى قاتتىق تۈزىدى. پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاممىۋى خىزمەتنى نازارەت قىلىش، يېتەكلەشنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنى بەرپا قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەپ، قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق چىرىكلىكنى ۋە قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. بازغانچىنىڭ بېلى جەزمەن چىڭ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىنتىزام، قائىدىنى چىڭىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

  ئومۇمىي يىغىن نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى ئوبيېكتىپ ئانالىز قىلدى. تەكىتلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇزاققىچە جەڭ قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، ھەم نەتىجە ۋە ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى قوغداش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش ئىشەنچىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ھەم مەسىلە ۋە كەمتۈكلۈكلەرگە توغرا قاراپ، يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، ئۇيۇل تاشتەك قەتئىي ئىرادە، مۇستەھكەم يىمىرىلمەس جاسارەت، ئەمەلىي ئەسقاتىدىغان تەدبىر ئارقىلىق، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە قەتئىي، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: 2019- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇن يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتكومغا ھەمكارلىشىپ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «مۇقىم» بولۇشنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، «ئىلگىرىلەش»نىڭ تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى قوغداشنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزام قانۇندىن قاتتىق بولۇش، ئىنتىزامنى قانۇننىڭ ئالدىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش بىلەن قانۇننى ئىجرا قىلىشنى تۇتاشتۇرۇپ، ئەدلىيەنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى قوغداشتىكى مۇھىم، باسقۇچلۇق نەتىجىلەر ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىدە خوتنى يۆتكەپ، سۈرئەتنى تېزلىتىشنى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تېخىمۇ زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك ئىشلارنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  بىرىنچى، دىققەتنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئۆگەنگەچ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، دەل ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ساختىلىقتىن ساقلىنىش، تۈزىتىش، يۈكسەلدۈرۈش جەھەتتە داۋاملىق كۈچەپ، ھەقىقىي تۈردە تەربىيە نەتىجىسىنى غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى چېنىقتۇرۇش، خاراكتېر يېتىلدۈرۈش، ۋەزىپە، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، دىققەتنى «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىزچىل، پۈتۈن كۈچ بىلەن نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەمر- پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى دەل جايىدا بايقاپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، «جازالاش»تىن ئىبارەت بىر قولدا قاتتىق بولۇش، «تۈزەش»تىن ئىبارەت يەنە بىر قولدىمۇ قاتتىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، دىققەتنى نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. «ئىككىنى ئاساس قىلىش» تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىغا بولغان رەھبەرلىكى ۋە يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە(شەھەر، رايون)لىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىپ، ۋاكالەت (ئەۋەتىلگەن) ئاپپاراتلىرىغا قارىتىلغان بىرتۇتاش رەھبەرلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. بىرتۇتاش تەدبىر بەلگىلەش، بىرتۇتاش ئايلىنىشتەك ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىنتىزام بىلەن قانۇننى تۇتاشتۇرۇش، قانۇنلارنى جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، دىققەتنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاش، ئىنچىكىلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، دائىملىق نازارەت قىلىش، ئۇزاق مۇددەت نازارەت قىلىش جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە، بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. سىياسىي نازارەتچىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كونكرېتلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نازارەت قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك. ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»تىن ماسلاشتۇرۇپ پايدىلىنىپ، بالدۇر تۇتۇپ، كىچىكىدە تۇتۇپ، بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا، بولۇپمۇ بىرىنچى قول رەھبەرگە بولغان نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىشنى دائىملاشتۇرۇش، دائىملىق ھالەت شەكىللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «ئۈچنى ئايرىش» تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان كادىرلارنى دادىل قوللاش، دادىل، مەسئۇلىيەتچان كادىرلارغا مەسئۇل بولۇش كېرەك.

  بەشىنچى، دىققەتنى سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كۆزىتىش، تەكشۈرۈش خىزمىتى بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۆزىتىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك تەپسىلىي قاراپ چىقىش كېرەك. شەكىللىك قاپلاش بىلەن ئۈنۈملۈك قاپلاشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈشنىڭ نازارەت قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. كۆزىتىش تەكشۈرۈشنىڭ «كېيىنكى ئىشلىرى»نى ئەستايىدىل ياخشى قىلىپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ مەركەز 6- قېتىملىق كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش كېرەك. كۆزىتىش، تەكشۈرۈشنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئالتىنچى، دىققەتنى «تۆت خاھىش» «تۆت كەيپىيات»نى تۈزىتىش، تۈزەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كادىرلار ئىستىلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى دائىملىق خىزمەت قىلىپ، راھەتپەرەسلىك ۋە ئىسراپخورلۇققا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. سىياسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى مەركەزلىك تۈزەپ، قۇرۇق، ئەھمىيەتسىز ئىپادە بىلدۈرۈش، رەسمىيەت ئۈچۈنلا داغدۇغا پەيدا قىلىش، يۈزەكى قىلىپ مەسئۇلىيىتىدىن قېچىش، ئىشقا چىقىپ كۈچىمەسلىك قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئاممىۋى خىزمەتنى نازارەت قىلىش، يېتەكلەشنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يەتتىنچى، دىققەتنى ساقلانما مىقدارنى كۈچەپ كېمەيتىش، ئېشىش مىقدارىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارغا، نۇقتىلىق ساھەلەرگە، ھالقىلىق ئىش ئورۇنلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ۋەزىپە دائىرىسىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «قورشاپ ئوۋلىنىش»تىنمۇ يانمايدىغان چىرىك ئۇنسۇرلارنى قەتئىي تازىلاپ يوقىتىش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېقىن، ساپ، يېڭىچە ھۆكۈمەت- سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە ئىدىيە ئەخلاق تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، دېلودىن ئىبرەت ئېلىش، دېلو ئارقىلىق ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش، دېلونى قاراپ چىقىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قاچقانلارنى قوغلاش، قېچىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  سەككىزىنچى، دىققەتنى ئامما ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى تۈزەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىلىدىغان چىرىكلىك ۋە قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى چوڭقۇر قېزىپ، خەلق ئاممىسىغا توغرا ئىستىلنىڭ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمى ۋە ئۆزگىرىشىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  توققۇزىنچى، دىققەتنى سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان قوشۇن بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇشقا كۈچەش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈر، شىرزات باۋۇدۇننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ ھەم ماقۇللاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى ئىلگىرى چىقارغان ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈر، شىرزات باۋۇدۇنغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىش توغرىسىدىكى قارارنى بېكىتتى.

  ئومۇمىي يىغىن مۇنداق چاقىرىق قىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى قوغداشنىڭ مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىسى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.