تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى تۇنجى نۆۋەتلىك قار شادلىقى بايرىمى خەلق باغچىسىدا باشلاندى

  مۇخبىرىمىز دۈەن شياۋلى، رېن چۇنشياڭ خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، «ئومۇمىي خەلق قار شادلىقى» باش تېمىسىدىكى ئۈرۈمچى تۇنجى نۆۋەتلىك قار شادلىقى بايرىمى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ قار شادلىقى بايرىمى دېيىلىدۇ) شەھەرلىك خەلق باغچىسىدا باشلىنىپ، مىڭدىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسىنى جەلپ قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق قار شادلىقى بايرىمى 3-ئايغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە پانۇس، مۇز ھەيكەل كۆرگەزمىسى، كوچا ئويۇنى، داقا-دۇمباق، شىر ئويۇنى، چاڭچىلە ئويناش، تېپىشماق ئويۇنى قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر ئارقىلىق، شەھەر ئاھالىلىرىنى قار-مۇز سەيلىسى، تەنھەرىكەت، تاماشا، يېمەك-ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش بىر گەۋدە قىلىنغان كۆپ ئىقتىدارلىق قار-مۇز رايونى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  1-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، خەلق باغچىسىدا ئادەملەر مىغ-مىغ بولۇپ كەتتى، جيەنخۇ كۆلىگە جايلاشقان ئاساسلىق سەھنىنىڭ ئەتراپى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى. سەھنىدە دۇمباق ئاۋازىغا ئەگىشىپ ئورۇندالغان مۇزىكا، ئۇسسۇل، ماھارەت بىر گەۋدىلەشكەن قوش كىشىلىك مۇز تېيىلىش ھەرىكىتى، قار-مۇز شادلىقى ئىپادىلەنگەن ھازىرقى زامان ئۇسسۇلى ۋە ئىسكىرىپكا چېلىش قاتارلىق نومۇرلار ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىلىقىنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى