تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ۋوگزالى جەنۇبىي مەيدان كىرىش ئېغىزى ۋاقتىنچە ئېچىۋېتىلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ يۇڭخېڭ): مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 11:00دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ۋوگزالى جەنۇبىي مەيدان كىرىش ئېغىزى ۋاقتىنچە ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، شۇ كۈنلۈك پويىز بېلىتىنى (ئالاقە تورىدىن بېلەت سېتىۋېلىپ بېلەتنى قولىغا ئالمىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سېتىۋالغان يولۇچىلار جەنۇبىي مەيدان كىرىش ئېغىزىدىن ۋوگزالغا كىرىپ پويىزغا چىقسا بولىدىكەن.

  جەنۇبىي مەيدان كىرىش ئېغىزىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق ئۈرۈمچى ۋوگزالى شىمالىي مەيدان كىرىش ئېغىزىدىن كىرىدىغان يولۇچىلار بېسىمى ئازايتىلىپ، يولۇچىلارنىڭ پويىزغا چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلغان. تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋاقتىنچە ئېچىۋېتىلگەن جەنۇبىي مەيدان كىرىش ئېغىزى پەقەت ۋوگزالغا كىرىپ پويىزغا چىقىدىغان يولۇچىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، پويىز بېلىتى سېتىۋالمىغان يولۇچىلار شىمالىي مەيدان بېلەت سېتىش زالىدىن بېلەت سېتىۋالغاندىن كېيىن ۋوگزالغا كىرىپ پويىزغا چىقسا بولىدىكەن، بېلەت قايتۇرۇش، بارىدىغان ۋوگزالنى ئۆزگەرتىش، سالاھىيەت تەكشۈرتۈش قاتارلىق باشقا كەسىپلەرنى بېجىرىدىغان يولۇچىلار ئوخشاشلا شىمالىي مەيدان بېلەت سېتىش زالىغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى بېجىرسە بولىدىكەن، ۋوگزالدىن چىقىدىغان يولۇچىلار شىمالىي مەيدان ۋوگزالدىن چىقىش يولى ئارقىلىق ۋوگزالدىن چىقسا بولىدىكەن.

  نۆۋەتتە، جەنۇبىي مەيداندا ئاممىۋى قاتناش تېخى يولغا قويۇلمىغان بولۇپ، پويىزغا ئۈلگۈرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن سەپەرگە چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ ئالدىن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى