تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ يېشىنى ھېسابلاشتىكى پەرق كىچىكلىدى

    ئاسماندىكى يۇلتۇزلار زادى قانچىلىك «قېرى»؟ نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان، ئاستىرنومىيە ئالىملىرىنىڭ تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ يېشىنى ھېسابلاشتىكى خاتالىق پەرقى ھەتتا %20تىنمۇ ئېشىپ كەتتى. ئەمما، ئامېرىكا ئېمبرىي رايدېل ئاۋىياتسىيە داشۆسىنىڭ ئالىملىرى يېقىندا تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ يېشىنى ھېسابلاش تېخنىكىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ خاتالىق پەرقى پەقەت %5~%3گىچە ئىكەن.

   بىر يۇلتۇزلار توپىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئاساسەن بىرلا ۋاقىتتا پەيدا بولىدۇ، يۇلتۇز توپىدىكى ئاق پەتەك يۇلتۇز بولسا تۇرغۇن يۇلتۇز ئۆلگەندىن كېيىنكى قالدۇق بولۇپ، يېڭى تېخىنىكا دەل يۇلتۇز توپىدىكى ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ يېشىنى ئۆلچەش ئارقىلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ يېشىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئىلگىرىكى لايىھەلەردە يۇلتۇز توپىدىكى ئوخشىمىغان تۇرغۇن يۇلتۇزنى كۆزىتىش ئارقىلىق ھېرتسپرۇڭ-رۇسسېل دىئاگراممىسى (يۇلتۇزنىڭ سپېكتر تىپى بىلەن يورۇقلۇق كۈچى مۇناسىۋىتى خەرىتىسى، يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم قورال)دا تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئاساسىي يۇلتۇز رېتىدىن ئايرىلغان بۇرۇلۇش نۇقتىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئۆزگىرىش مودىلىغا ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، بۇ يۇلتۇز توپىنىڭ يېشى ھېسابلىناتتى.

«شىنخۇا تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى