تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چېگرا رايوندىكى كىچىك كەنتتە فۇجيەنچە خاسلىققا ئىگە چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: زىمىستان قىش پەسلىدە، شىمالىي شىنجاڭ قار ـ مۇز بىلەن قاپلاندى، بىر كېچە ياغقان قارنىڭ تەسىرىدە، قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى ئەرشىلىدەن كەنتى ئاق لىباستىن تون كىيىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن بىر مەيدان كاتتا چاغانلىق زىياپەتكە «ياسىنىپ» تەييار بولدى.

  ئېگىز ئېسىلغان قىزىل پانۇسلار ئاستىدا، چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ چېھرىدىن تەبەسسۇم بالقىپ تۇراتتى، «نىڭدې» بىناسىنىڭ چوڭ زالى چاغانلىق سوۋغاتلار بىلەن لىق تولغانىدى.

 پائالىيەت تولىمۇ قىزىپ كەتتى، ئەر ـ ئايال، چوڭ ـ كىچىكلەر ئۇزۇن ئۈستەللەرنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشۇپ، نازۇ-نېمەتلەرگە ئېغىز تەگدى. مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان خەتتاتلار چاغانلىق مەسنەۋىلەرنى يازدى، كىشىلەرگە «بەخت» خېتى سوۋغا قىلدى.

   فۇجيەندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار  ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، كەنتتىكىلەرگە بايراملىق سالام يوللاپ، چاغانلىق مەسنەۋى چاپلاپ، پانۇس ئېسىپ، ئۆي ئىگىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھويلا-ئارانلارنى بېزىدى، ھەممە بىرلىكتە خۇشال بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.

  كەنتتىكى ئۇيغۇر، قازاق ئاھالىلەر جىڭجۈ تىياتىرى ئورۇنلاپ، فۇجىيەن شىۋىسىدىكى ناخشىلارنى ئېيتىپ، ئۆز ماھارىتىنى نامايان قىلسا، ھەر مىللەت كادىر ـ ئامما بىرلىكتە مەشرەپ ئويناپ پائالىيەتنى ئەۋجىگە كۆتۈردى، يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇسلۇبىدىكى ئىتتىپاقلىق ھېسسىياتى يۇغۇرۇلغان ئەدەبىيات-سەنئەت بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە تاماشىبىنلار ئۇزاققىچە ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى.

 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى