تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نۇرلان ئەبىلمەجىن چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

  نۇرلان ئەبىلمەجىن چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ كۆپ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كەم-كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقى ساقلىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىشى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. چەت ئەلدىكى كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك، رىشتىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈرتكە بولغۇچىلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرى بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن چياۋمىن قېرىنداشلار تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار بىلەن داۋاملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۇلارنى قوللايدۇ.

  كۆرۈشۈشكە قاتناشقان چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرى بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىم بولغان ۋەزىيىتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر كىشىنى ھەسسىلەپ ئىپتىخارلاندۇرىدۇ ۋە ھاياجانلاندۇرىدۇ. چەت ئەلدىكى بىز كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمىزنى پائال تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسىتىمىز ۋە كۈچ چىقىرىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماغاۋ سېيىتقامزا كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى