چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزدا تاشيول ئارقىلىق سەپەرگە چىقىدىغان يولۇچىنىڭ 10 مىليون 260 مىڭ ئادەم قېتىم بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى
30 مىڭ يولۇچىلار ئاپتوبۇسى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، پىراكتىكانت لياڭ يەننىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش- تىرانسپورت چاغانلىق يولۇچى توشۇش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا تاشيول ئارقىلىق سەپەرگە چىقىدىغان يولۇچىنىڭ 10 مىليون 260 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى 30 مىڭ يولۇچىلار ئاپتوبۇسى سەپلەپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەم جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدىن 750 نى زاپاس تەييارلاپ، يولۇچىلار ئېقىمى يۇقىرى پەللىسىگە تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلىغان.
چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ تورلاشتۇرۇلغان بېلەت سېتىش سىستېمىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بېلەت مەنبەسى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توردا بېلەت سېتىۋېلىش، يان تېلېفوندا بېلەت سېتىۋېلىش قاتارلىق قولايلاشقان مۇلازىمەت بىلەن پائال تەمىنلەيدۇ. ھەرقايسى چوڭ يولۇچىلار تىرانسپورت بېكەتلىرىمۇ ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش (ئېلىش) ئۈسكۈنىسىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىدۇ، بېلەت سېتىش كۆزنىكىنى كۆپەيتىپ ئاچىدۇ، بېلەت سېتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ ھەم يولۇچىلارنى سىمسىز تورغا چىقىش، جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرى قاتارلىق خاس مۇلازىمەت بىلەن پائال تەمىنلەپ، ياشانغانلار، بالىلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر، ھامىلىدارلار قاتارلىق نۇقتىلىق يولۇچىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ. تۆمۈريول بىلەن ئۆزئارا ئۇدۇللاشتۇرۇلغان 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يولۇچىلار تىرانسپورت بېكەتلىرى ئاپتوموبىل كۈتۈش ئۆيىنى 24 سائەت ئېچىۋېتىدۇ ھەم ھەقسىز قايناق سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ، يېمەكلىك ۋە ئەشيا تەمىناتىنى ياخشى ئىشلەپ، يولۇچىلارنىڭ سەپىرىنى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك قىلىدۇ. قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆمۈريول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى سىستېمىسى بىلەن خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پويىزغا چىقىدىغان-چۈشىدىغان، ئايروپىلانغا چىقىدىغان- چۈشىدىغان يولۇچىلار ئولتۇرىدىغان ئاپتوموبىل بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى، رېلىسلىق قاتناش بىلەن غول لىنىيە تىرانسپورت شەكلىنىڭ تىرانسپورت كۈچى، نۆۋەت قېتىم سانى، ۋاقىت جەھەتتىكى ماسلىشىشى، ئۇدۇللىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تاكسى تىرانسپورت كۈچىنى ئىلمىي تەڭشەپ، سەپلەپ، يولۇچىلارنى ۋاقتىدا توشۇيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى يەنە نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىدىكى يۈرۈشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە تەرتىپنى قوغداشنى كۈچەيتىدۇ، بولۇپمۇ توسۇلۇش، ئاستا يۈرۈش ئاسان كۆرۈلىدىغان يول بۆلەكلىرى ھەم ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا، مۇددەتتىن بۇرۇن قاراتمىلىقى بولغان تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچىلىرى قاتارلىق تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش، نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىش، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش، يولۇچىلارنى يولدا چۈشۈرۈۋېتىش، يولۇچىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى تىرانسپورت بازىرى تەرتىپىنى ئورتاق ياخشى قوغدايدۇ. كارخانىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا تىجارەت تىرانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىش، يولۇچىلار «زومىگەرلىك بىلەن ئورۇن ئىگىلىۋېلىش» «ئاپتوبۇستا جېدەل چىقىرىش»، بېلەت ئالماي ئاپتوبۇسقا چىقىش، شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىگە دەخلى قىلىش قاتارلىق قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش، لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشلىرىغا قارىتا، قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى ئىناۋەت ئاگاھلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېغىر دەرىجىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلايدۇ ھەم ئەھۋالغا قاراپ «لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكى»گە كىرگۈزىدۇ.