تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سايرام كۆلى بويىدا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى

  ئۆز خەۋىرىمىز. (ئىختىيارىي مۇخبىر يۈسۈپ غېنى، ئەن جىڭ خەۋىرى)سايرام كۆلى 2019-يىللىق «قار ـ مۇز مىلودىيەسى . مۇز ئۇچرىشىشى» تۇنجى نۆۋەتلىك قار ـ مۇز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى سايرام كۆلى بويىدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە ئون كىلومېتىر «ساغلام يۈگۈرۈش» ۋە بەش كىلومېتىر «خۇشال يۈگۈرۈش» يولى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 600دىن ئارتۇق ماھىر سايرام كۆلى بويىدا مۇسابىقىگە قاتناشتى.

  «پاڭ!» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، فۇجيەن، نىڭشيا، خۇبېي قاتارلىق ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن يۈگۈرۈش ماھىرلىرى مەنزىرە رايونىنىڭ شەرقىي ئىشىكىدىن چىقىپ، سايرام كۆلىنى بويلاپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭى 65 ياش، ئەڭ كىچىكى 11 ياش بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قىيىنچىلىق ئالدىدىمۇ ۋاز كەچمەسلىكتەك روھىي قىياپىتىنى ۋە ئۆز- ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىشتەك مارافونچە يۈگۈرۈش روھىنى نامايان قىلدى.

  فۇجيەنلىك ماھىر لياڭ چىدۇڭ مۇنداق دېدى: مەن يۇرتۇمدىمۇ نۇرغۇن قېتىم مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقانىدىم، بىراق، بۇنداق گۈزەل قار ـ مۇز مەنزىرىسىدە يۈگۈرۈشۈم تۇنجى قېتىملىقى، بۇنىڭدىن تولىمۇ ھاياجانلاندىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى