ئۆز مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى دېيۇڭ، بەي فېڭلياڭ خەۋىرى: ئۈرۈمچىدىن بۇرۇلتوقايغا بارىدىغان Y971 ـ قېتىملىق «بۇرۇلتوقاي قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى ساياھەت مەخسۇس پويىزى» 1-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 21:55تە ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن ئاستا-ئاستا قوزغالدى. پويىزغا ئولتۇرغان 104 ساياھەتچى ئىككى كۈنلۈك ساياھەت جەريانىدا ھەيۋەتلىك قىشلىق بېلەت تۇتۇشتىن ھۇزۇرلىنىپ، ئۆزگىچە قار-مۇز مەنزىرىسىنى ھېس قىلىپلا قالماي، يەنە «بېلىقچىلىق» مەدەنىيىتى ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلاردىن بەھرىلىنىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يولۇچىلارنىڭ قىشلىق ساياھەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 1-ئاينىڭ 25-كۈنى «بۇرۇلتوقاي قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى ساياھەت مەخسۇس پويىزى»نى يەنە بىر قېتىم ماڭدۇرىدىكەن، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى «قار-مۇز بىلەن قاپلانغان سىرلىق قاناس» ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدىكەن. «پويىزغا ئولتۇرۇپلا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامداپلا قالماستىن، ساياھەتچىلەرنى قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.