تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى

تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي- قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ئىسلاھات سىياسىي-قانۇن خىزمىتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى، سىياسىي-قانۇن ئىشلىرىنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى.

  «سىياسىي-قانۇن سىستېمىسى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھاتتا يېڭى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك»، مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ نىشان، تەلەپلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېزدىن ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ، سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكلەيدىغان مۇھىم مىزان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئۈزلۈكسىز سىياسىي-قانۇن ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشكە مۇقەررەر مۇھىم، زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ئىسلاھاتتىن ھاياتىي كۈچ چىقىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھاتتا ئومۇميۈزلۈك كۈچەش، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتەك ياخشى ۋەزىيەت كۆرۈلدى. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور ئىسلاھاتلار پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىش سىستېما قۇرۇلۇشى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلدى... ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، سىياسىي-قانۇن سېپىدىكىلەر باتۇرلۇق بىلەن قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئويلىغىلى كۆپ يىل بولغان، سۆزلىگىلى كۆپ يىل بولغان، ئەمما ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان ئىسلاھاتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  نۆۋەتتە، سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھات سىستېمىلىق، ئومۇمىي گەۋدىلىك ئىسلاھاتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى. تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتا، سەرخىللاشقان، ماسلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سىياسىي-قانۇن ئاپپاراتى فۇنكسىيە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى چەكلەيدىغان تۈزۈلمە خاراكتېرلىك، مېخانىزم خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ماسلىشىشى كۈچلۈك، چەكلىشى ئۈنۈملۈك خىزمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، فۇنكسىيە سەپلىمىسى، ئاپپارات ئورۇنلاشتۇرۇشى، خادىملار ئىشتاتىنى سەرخىللاشتۇرغاندىلا، ئايلىنىشنى تېخىمۇ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلغىلى بولىدۇ.

  تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتا، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەدلىيە خادىملىرىنى زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىدىغان، دېلونى ياخشى بېجىرىدىغان قىلىپ، ئەدلىيەنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ دىققەتنى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك، گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى نازارەت قىلىش ۋە چەكلەش مېخانىزمىنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى كۈچلۈك ئىجرا قىلماسلىق، ئەدلىيەدە ئادىل بولماسلىق، ھەتتا قانۇن ئىجرا قىلىشتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، ئەدلىيەدە چىرىكلىشىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېلولارنىڭ مۇرەككەپ، ئاددىيلىرىنى ئايرىش، يېنىك-ئېغىرلىرىنى ئايرىش، تېز- ئاستىلىرىنى ئايرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ ئەدلىيە خىزمىتى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەدلىيە ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدايدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر مۇداپىئە لىنىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرغاندىلا، ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، خەلق ئاممىسىغا ھەربىر ئەدلىيە دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتا، ئىسلاھات ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىش كېرەك. پۇقرالار نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، نېمىنى ئارزۇ قىلسا، ئىسلاھات شۇنى تۇتۇشى، شۇنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى زور مىقداردىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، تىرىشىپ ئومۇم مەنپەئەتلىنىدىغان-باراۋەر، قولاي-يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق-دەل جايىدا بولغان ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك؛ «كىنىشكىلارنى ئازايتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش» ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، رايون ھالقىپ دېلو تۇرغۇزۇش، دەۋا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دەۋا ئىشلىرىنىڭ رايون ھالقىپ يىراق مۇساپىلىك بېجىرىلىشى، قاتلام، دەرىجە ھالقىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ بېجىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، باشقا جايدا دەۋا قىلىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك؛ ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كەسىپ، پۈتۈن ۋاقىت ۋە بوشلۇقنى قاپلىغان قانۇن مۇلازىمەت تورىنى تېز قۇرۇپ چىقىشى كېرەك؛ دۆلەت سىرتى خەۋپسىزلىكىنى قوغداش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت سىرتىدىكى ئاپپاراتلىرى، خادىملىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

  «قانۇن جەمئىيەتنىڭ ئۆلچىمىدۇر». مۈرىسىدە ئادىللىق تارازىسىنى كۆتۈرگەن، قولىدا ھەققانىيلىق شەمشىرىنى تۇتقان سىياسىي-قانۇن سېپىدىكىلەرنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سادىقلىق بىلەن ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، قەتئىي جاسارەت بىلەن ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىيلىكى قېلىپلاشقان، ئايلىنىشى ئۈنۈملۈك بولغان سىياسىي-قانۇن تۈزۈم سىستېمىسىنى كۈچەپ شەكىللەندۈرسەكلا، جەزمەن ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال-خۇرام ئىشلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى يارىتالايمىز.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 18-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى