تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

جۇڭگو ئەل ئىچى تاغقا يامىشىش تارىخى سارىيى ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشتى

  ئۆز مۇخبىرىمىز ما شاۋبىن خەۋىرى: جۇڭگولۇقلار تۇنجى قېتىم ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىدىن ھېچكىم چىقىپ باقمىغان چوققىغا چىقىپ قادىغان دۆلەت بايرىقى، 70-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن 2016-يىلىغىچە تاغقا يامىشىش جەريانىدا ئىشلىتىلگەن كونا بۇيۇملار، تاغقا يامىشىشقا ئائىت تارىخىي ماتېرىياللار ..... جۇڭگو ئەل ئىچى تاغقا ياماشقۇچىلار تارىخىنى مەخسۇس ساقلايدىغان ۋە خاتىرىلەيدىغان جۇڭگو ئەل ئىچى تاغقا يامىشىش تارىخىي سارىيى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىگە ماكانلاشتى.

   جۇڭگو ئەل ئىچى تاغقا يامىشىش تارىخى سارىيىنى ئېچىشنىڭ تەشەببۇسچىسى مەريەم (مەيزى)نىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، جۇڭگو ئەل ئىچى تاغقا يامىشىش تارىخىي سارىيى تۆت چوڭ كونتېينېردىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان بولۇپ، كۆلىمى 144 كىۋادىرات مېتىر كېلىدىكەن، بۇ يەر ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگۇ بازىرى نەنيىڭ يولىغا جايلاشقان بولۇپ، تىيانشان داشياگۇ مەنزىرە رايونى ۋە يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى بىلەن بولغان تۈز سىزىق ئارىلىقى 1.5 كىلومېتىر كېلىدىكەن. ئەل ئىچى تاغقا يامىشىش سارىيى ئەل ئىچى ئاممىۋى پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك ئاپپارات بولۇپ، سارايغا ئېگىز چوققىغا بارلىقىنى بېغىشلىغان جۇڭگولۇق ئەل ئىچى تاغقا ياماشقۇچىلارنىڭ ھايات خاتىرىسى جۈملىدىن ماتېرىيال، سۈرەت، فىلىم، ھەمدە تاغقا يامىشىشقا ئائىت تارىخىي بۇيۇملار ساقلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى