تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

بىر تۈرلۈك تارىخىي خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

  خەلق گېزىتى مۇخبىرى دۇ شاڭزې، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ شياۋسۇڭ

  يەنشەن تېغى ئېتىكى، بوخەي دېڭىزى ساھىلى، تەيخاڭشەن تېغى بويلىرى. تارىخنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمى داۋانلاردىن ئېشىپ، توسۇقلاردىن ھالقىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.

  بەش يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش»نى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈش مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئۇ جۇڭگو خەرىتىسى ئالدىدا تۇرۇپ، بۇ كەڭ زېمىنغا تەپسىلىي نەزەر سېلىپ، چەكسىز مۇمكىنچىلىككە ئىگە يېڭى ماكاننى پىلانلىدى.

  بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى. يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىگە باي زات دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇلۇغ پىلانىنى تۈزدى.

  قەھرىتان قىش پەسلىدە، پويىز بۇ پارچە زېمىندا ئۇچقاندەك ماڭماقتا. بېيجىڭدىن يولغا چىققاندىن باشلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈچ كۈنلۈك سەپىرى دەل تەڭ تەرەپلىك ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىنى ھاسىل قىلدى. تۈمەنلىگەن كىشىنىڭ نەزەرى تىكىلگەن خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى، قەدىمىي تىل تۈسى قويۇق تيەنجىن، پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرگەن بېيجىڭ شەھىرى قوشۇمچە مەركىزى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش بىر مەيدان مول مەزمۇن، كەڭ كۆلەملىك رايون چوڭقۇر قاتلام ئۆزگىرىشنى قوزغاتتى.

  «تەرەققىيات پەرقى» مەسىلىسى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققىياتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. بۇ يەردە ئۆزگىچە يىراقنى كۆرەرلىك ۋە جاسارەت بىلەن جاۋاب يېزىپ چىقىلدى. 1- ئاينىڭ 18- كۈنى ئېچىلغان بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا، بىر يەرگە جەم بولغان بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ مەسئۇللىرى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: «تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، بۇ تۈرلۈك تارىخىي خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشنى ياخشى قىلىش كېرەك»؛ «بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي بىر تال گۈلنىڭ بەرگىلىرىگە ئوخشايدۇ، بەرگىلەر بىر-بىرىگە ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما بىر- بىرىگە تۇتاش» دېدى.

  بىپايان شىمالىي جۇڭگو زېمىنى يېڭى بىر يىلدىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى كۈتمەكتە، قەدىمكى يەن، جاۋ زېمىنىدا باھار دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

  قوشۇش بىلەن ئېلىش «بىر تاختا شاھمات»لىق ئورۇنلاشتۇرۇش

  مەسىلە دەۋرنىڭ ساداسى.

  «بېيجىڭ يەپ تۈگىتەلمەسلىك، تيەنجىن تويماسلىق، خېبېي ئېغىز تېگەلمەسلىك.» بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا كۆپ يىللاردىن بۇيان تارقىلىپ يۈرگەن بۇ سۆزدە قۇدرەتلىك «سىفون ئېففېكتى»دىكى رايون تەرەققىياتىنىڭ تەكشىسىزلىكى، ماس بولماسلىقى ئامالسىز ئەكس ئەتتۈرۈلگەنىدى.

  «ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى باش قېتىنچىلىق»ى ئالدىدا بۆسۈش ئېغىزى قەيەردە؟

  «كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى دەل تاشقى كېسەللەر ئوپېراتسىيەسى قىلىشتۇر، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، <چوڭ شەھەر كېسىلى> مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ بەش يىل ئىلگىرى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ تەرەققىيات زور پىكىر يولىنى بېكىتكەنىدى.

  بۇ قارىماققا چۈشىنىشلىك، ئەمما ئاسان بېجىرگىلى بولمايدىغان ئىش. 3000 يىلدىن ئارتۇق شەھەر قۇرۇش تارىخى، 860 يىلدىن ئارتۇق پايتەخت قۇرۇش تارىخىغا ئىگە بۇ شەھەرگە بىر يېڭى شەھەر قوشۇمچە مەركىزىنى قۇرۇش قانداقمۇ ئاسان بولسۇن؟ «پايتەخت چەمبىرىكى» قۇرۇش نەچچە ئون يىل تىلغا ئېلىنغان، كىچىك ھېساباتنى چوڭ ھېساباتقا ئۆزگەرتىش قانداقمۇ ئاسان بولسۇن؟

  مەسىلىدىن مەسىلىنى يەشكەندە، ئاندىن مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلغىلى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە جاسارەت، پاراسەت بار. مەسىلىنى يەشكەن پەيت، دەل يېڭى-كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئالمىشىدىغان تارىخىي پۇرسەت مەزگىلى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات دولقۇنى رايونلار ماس تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق يارىتىپ بەردى.

  بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئەسلىدۇق. بىر تۈركۈم ئەزىمەتلەر تەرەپ-تەرەپتىن شيۇڭئەنگە كەلدى، چۈنكى ئۇلار تېپىلغۇسىز دەۋر پۇرسىتىنى كۆرگەنىدى؛ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلغان يەرلىك شىيۇڭئەن كىشىلىرى كۈچلۈك بىر جۈپ قولى بىلەن كەلگۈسىنى چىڭ تۇتۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىگە تولۇق ئۈمىدتە بولدى. بېيجىڭ- تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا، ئۈچ ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەسئۇللىرى سۆزىدە مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا بۇ ئورۇنلاشتۇرمىنىڭ دانا ۋە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن قىلىنغانلىقىنى، «پارتىيەنىڭ ئارزۇسى ۋە ئەلرايىغا ئۇيغۇن» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

  دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، «بىر شەھەر، بىر جاي»نىڭ پايدا-زىيىنىنى كۆزلەپ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ھالقىش كېرەك، بۇ، شۈبھىسىزكى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغۋار پىلان. «پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەن بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيغا ئالتە قېتىم بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم، توققۇز قېتىم ئالاقىدار يىغىنلارنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتىم.» باش شۇجىنىڭ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر يولىغا نەزەر سالغىنىمىزدا بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدىكى ئەھمىيىتى ۋە سالمىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز.

  2014-يىلى 2-ئاي، تارىخ سەھىپىسىگە بىر بەت خاتىرىلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى. «ئۆزىنىڭ <بىر مو ئۈچ پۇڭ يېرى> تەپەككۇر شەكلىنى قانداق بۇزۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ»، ئۇ ئالغا سىلجىتىش تەپەككۇرىنى كۆرسىتىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى تۈزدى.

  «تاغنىڭ يولىنى ئوتۇنچىدىن سورا، سۇنىڭ يولىنى بېلىقچىدىن.» كېيىن، قايتا-قايتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قايتا-قايتا دەلىللەش ئارقىلىق ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. بېيجىڭنىڭ يېڭى «ئىككى قانات»ى−بېيجىڭ شەھىرى قوشۇمچە مەركىزى ۋە خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىن ئىبارەت ئىككى يېڭى شەھەر قۇرۇش، بىر خىل يېپيېڭى ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇر بولۇپ، خۇاشيا زېمىنىنى لەرزىگە سالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭى تارىخىي باسقۇچتا، بۇ ئىككى يېڭى شەھەرنى مەركەزلىك قۇرۇپ، بېيجىڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى رامكىسىنى شەكىللەندۈرۈش، مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»

  ماڭغانسېرى روشەنلەشتى؛ ماڭغانسېرى قەتئىيلەشتى. «بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى <ھالقىلىق تۇتقا> قىلىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن پىلانلاش، يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇش»، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بۇ، ۋەزىنلىك ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئىچكى-تاشقى جەھەتتە كۈچەش، قوشۇش- ئېلىشنى تەڭ ئىشلىتىش، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىن ئىبارەت ئۈچ جاي ئۆزلىرىگە خاس يارقىن نەتىجە قەغىزىنى چىقاردى. ھەركىم ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش، ھەركىم ئۆز ئىشىنى باشقۇرۇشتىن ئۆزئارا يۆلەش، ئۆزئارا ماسلىشىشقىچە؛ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئېنىق بولماسلىق، فۇنكسىيە دەستىلىنىپ كېتىشتىن ئەۋزەللىكلەردە بىر-بىرىنى تولۇقلاش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە... «بىر قوشۇلغان بىر ئىككىدىن چوڭ بولۇش، بىر قوشۇلغان ئىككى ئۈچتىن چوڭ بولۇش ئۈنۈمى» كۈنسېرى نامايان بولدى.

  «تارقاقلاشتۇرۇش قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتۇر.» بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «تارقاقلاشتۇرۇش» سۆزىنى چوڭقۇر يېشىپ تەھلىل قىلدى: «چوڭقۇر قاتلامدىكى زىددىيەتكە تاقالغاندا، شەكىل-ئۇسۇلغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچكى فۇنكسىيەنى قايتا تەشكىللەش ۋە سىرتقا تارقاقلاشتۇرۇپ يۆتكەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشتە كۈچەش كېرەك.» «شيۇڭئەن يېڭى رايونى سىرتقى يۆنىلىشلىك كۈچەيدۇ؛ بېيجىڭ ئىچكى يۆنىلىشلىك تەڭشەپ، يادرولۇق فۇنكسىيەسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، <بەسەينىڭ ئىچى> بولۇشنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.»

  «ئۆتكەن بەش يىلدا، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئومۇمىي جەھەتتىن پىكىر يولىنى كۆزلەش، ئاساس سېلىش، بۆسۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش باسقۇچىدا تۇردى، نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىرىش، داۋان ئېشىپ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىرىدۇ.» ئۇ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىن ئىبارەت ئۈچ جاينىڭ مەسئۇللىرىغا مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن مەن پات- پات كېلىپ ئايلىنىپ، باسقۇچلۇق خىزمەت ئەھۋالىڭلارنى كۆرىمەن، «يېڭى باسقۇچتىكى ۋەزىپە تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ كۆپ ۋە ئېغىر، قىلچە بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ، تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ».

  تېز ۋە ئاستا، «بىر پارچە خەرىتە»دە پىلانلاش

  شيۇڭئەننىڭ مەنزىرىسى بۇرۇنقىدەكلا بولۇپ، چەكسىز ئېتىزلىقلاردا ۋاقىت گويا توختاپ قالغاندەك بىلىنەتتى. ئۈمىد ئۇرۇقى تېرىلغان بۇ تۇپراق ئىككى يىل ئىلگىرىكى يېڭى رايون قۇرۇش گۈلدۈرمامىسىدىن كېيىن يەنە ئەسلىدىكى جىمجىتلىقىغا قايتىپ قالغاندەك تۇراتتى.

  يېڭى رايون دەل مۇشۇ ئىككى يىلدا قەغەز يۈزىدە كەلگۈسىگە تەسىر قىلىدىغان كۈچنى توپلاپ، مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاننىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغ خەرىتىسى ۋە «قۇرۇلۇش خەرىتىسى»نى ئىنچىكىلىك بىلەن سىزىپ چىقتى. شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاش كۆرگەزمە مەركىزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرگەزمە تاختىسىدىكى «خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى يىرىك پىلان تېزىسى»نى تەپسىلىي كۆردى.

  بۇ شەھەرنىڭ يىرىك پىلانى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىن ئۈستىلىگە قايتا-قايتا قويۇلدى. ئۇمۇ: «ھەر بىر سۇڭ يەرنىمۇ ئېنىق پىلانلىغاندىن كېيىن ئاندىن قۇرۇلۇش باشلاش، تارىختا ئەپسۇسلىنارلىق ئىش قالدۇرماسلىق كېرەك»، دەپ تەكرار-تەكرار سەمىمىي ئەسكەرتتى.

  بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، ئالدى بىلەن پىلانلاش ئاندىن قۇرۇش، ئالدى بىلەن باشقۇرۇش- كونترول قىلىش ئاندىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يىراققا نەزەر سېلىش، باشلىنىش نۇقتىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى قىلىش، ئۆلچەمنى تېخىمۇ قاتتىق قىلىش كېرەك.

  شيۇڭئەن يېڭى رايونى، «1+N» يىرىك پىلان سىستېمىسى ۋە «N+1» سىياسەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى يىلدا، بىرەر تال خىش، بىرەر تال كاھىشنىمۇ مىدىرلىتىپ باقمىدۇق. ھازىر ئۇلۇغۋار پىلانىمىز بولدى، شيۇڭئەن يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش باسقۇچىدىن ماھىيەتلىك قۇرۇلۇش قىلىش باسقۇچىغا ئۆتتى، بۇ يىل قاينام- تاشقىنلىققا چۆمىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.

  بېيجىڭ تەرەققىياتىنىڭ يەنە بىر قانىتى، شەھەر قوشۇمچە مەركىزى. تۇڭجوۋ تارىختا بېيجىڭنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم قاتناش يولى بولغان بولۇپ، بېيجىڭ شەھىرىگە سۇ يولىدىن پايدىلىنىپ ئاشلىق توشۇيدىغان، ئامباردا ساقلايدىغان مۇھىم جاي ئىدى. 2016-يىلى 5-ئايدا، ئۇ «شەھەر قوشۇمچە مەركىزى» دېگەن نام بىلەن تارىخقا كىرگۈزۈلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، بېيجىڭ شەھىرى قوشۇمچە مەركىزىنىڭ تىزگىنلەش خاراكتېرلىك تەپسىلىي يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ سىياسەت-تەدبىرلىرى تۈزىتىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ نەزەرىنى تېخىمۇ يىراقتىكى كېيىنكى قەدەمگە قاراتتى. قوشۇمچە مەركەزگە يېقىن قوشنا ئۈچ ناھىيە قانداق قىلغاندا فۇنكسىيەنى ئۇزارتىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ؟ مەركىزىي شەھەر رايونىدىكى كونا شەھەرنى قانداق قىلغاندا قايتا تەشكىللىگىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا مەمۇرىي باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟ «بۇنىڭ ھەممىسى كېيىنكى قەدەمدە ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە.»

  «يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا پىلانلاش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش»، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيە بېيجىڭ-تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۆلچەم بايرىقىنى تىكلەش كېرەك.»

  «بىر ئۇلۇغۋار پىلان ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.» قۇرۇشتا، پىلانلاش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ ئىش باشلاشتا، ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ماڭىلا باغلىق بولۇپ قالماسلىقى كېرەك» دېگەن تارىخىي سەۋرچانلىق كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى.

  يېشىل رەڭ، بېيجىڭ شەھىرى قوشۇمچە مەركىزىنىڭ تەگ رەڭگى بولۇپ قالىدۇ. ئىلگىرىكى دۇڭفاڭ خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى چىرايلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ «شەھەرنىڭ يېشىل يۈرىكى»گە ئايلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلارنى «ئىستراتېگىيەگە بوشلۇق قالدۇرۇش»، «يېشىللىققا بوشلۇق قالدۇرۇش»نى ياخشى قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  توققۇز دەريانىڭ ئاخىرقى ئۇچى بولغان بەيياڭديەن كۆلى «شىمالىي جۇڭگونىڭ بۆرىكى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. بەيياڭديەن كۆلىنىڭ بۇلغانغانلىقىدىن ئۇ ناھايىتى ئازابلاندى: «ئىلگىرى بۆرەك زەئىپلىشىپ، ئىزچىل قان تازىلاتقانىدى.» ۋاھالەنكى بۈگۈنكى كۈندە، قىسقىغىنا ئىككى يىللىق تۈزەش ئارقىلىق، بەيياڭديەن كۆلىگە قۇيۇلىدىغان ئۈچ دەريا بەش تۈردە سۇ سۈپىتى ناچار دېگەن «قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىدى». پىلانلاش كۆرگەزمە قىلىش مەركىزىدە، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ شەھەر بىلەن كۆلنىڭ مۇناسىۋىتىنى زور كۈچ بىلەن بىر تەرەپ قىلغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئورۇن تاللىغاندا ئويلىغانلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا بۇ يەرنى تاللىغاندا، بەيياڭديەن كۆلىنى زىيانغا ئۇچرىتىشنى ئەمەس، بەلكى بەيياڭديەن كۆلىنى قوغداشنى ئويلاشقان. شەھەر بىلەن كۆل ئۆزئارا نۇر چېچىشى، بىر-بىرىنى تولۇقلىشى كېرەك.»

  شەھەر قۇرماي تۇرۇپ، ئالدى بىلەن كۆچەت تىكىپ كۆكەرتىش، «مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان» «مىڭ يىللىق شيۇلىن»دىن باشلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شيۇلىن مۇلازىمەت پونكىتى سۇپىسىغا چىقىپ يىراققا نەزەر سالدى، چاتقال ۋە ئوت- چۆپلەر ئېگىز- پەس گىرەلىشىپ كەتكەن، ئىقتىسادىي ئورمان، ئېكولوگىيە ئورمىنى رەت-رەت تۇراتتى. ئۇ ئىرغاڭشىپ تۇرغان كۆچەتلەرگە قاراپ، خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ كۆچەتلەر شيۇڭئەن يېڭى رايونى بىلەن بىرلىكتە ئاستا-ئاستا ئۆسۈپ يېتىلسۇن. ئالدىراپ ئىش قىلمايلى، بىردەملىك ئوبراز قۇرۇلۇشى قىلمايلى. سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، شيۇڭئەن يېڭى رايونى دەل مۇشۇنداق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا تايىنىپ قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشى، جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  2018-يىلى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونىنىڭ PM2.5 ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى 2013-يىلىدىكىدىن تەخمىنەن %40 تۆۋەنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ئېكولوگىيەنى قوغداش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىشتا، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك.» ئۇ ناھايىتى ئەتراپلىق ئويلاندى، ئىنتوناتسىيەسى ئادەتتىن تاشقىرى قەتئىي بولدى. «ھەرگىز قىسقا ئۆمۈرلۈك قۇرۇلۇش قىلماسلىق، قىسقا ئۆمۈرلۈك ئىمارەت سالماسلىق كېرەك؛ ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ قايتا تىرىلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك؛ يېڭى شەھەر يىرىك پىلانىغا ماس كېلىدىغان ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنى ئالدىن قۇرۇشقا بولىدۇ...

  يىرىك پىلاندا ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولۇشنىڭ ھېكايىسى بار، يەنە مۇخ، تاش تاختا يولى، ئالا- بۇلا كونا تامنىڭ يۇرت ئەسلىمىسى بار. شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى يىللارنىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئاسمانغا تاقاشقان قەدىمىي دەرەخ، چوڭ قانالدىكى پالاقنى ئۇرغاندا توۋلىغان ناخشا ئاۋازى سىڭىپ كەتكەن قەدىمىي يول خارابىسى، ۋاقىت يۈكلەنگەن تارىخىي خارابىلەرمۇ يىرىك پىلاننىڭ قۇرۇلۇش ئۇلۇغۋار پىلانىغا بىرلىكتە كىرگۈزۈلدى. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ تەرەققىياتىدا تارىخنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، يۇرت سېغىنىشىنى قالدۇرۇپ قالغىلى بولىدۇ.

  ۋاز كېچىش بىلەن ئېرىشىش، «بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ» تەرەققىي قىلدۇرۇش

  ئەگەر پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تەكشۈرۈش لىنىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ قارىساق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى بىر نەچچە چوڭ رايوننى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە پىلانىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ. چاڭجياڭ دەرياسىدا كېمىگە ئولتۇرۇش، جەنۇبتا گۇاڭدۇڭغا چۈشۈش، شاڭخەيگە ئۇچۇپ بېرىشنىڭ ھەربىرى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا ماسلاشقان.

  بۇ قېتىم، دىققەت بېيجىڭ- تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە مەركەزلەشتى.

  ئوربىتىدىكى بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ «بوۋاق» شەكلى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى، كۆك ئاسمان ئاستىدىكى بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. ماس تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتقان بېيجىڭ، تيەنجىن،خېبېي، ئىسلاھات يېڭى يولىدىن كېچىپ چىققان بېيجىڭ، تيەنجىن،خېبېي، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى زەنجىرىدىكى بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي... يەنىلا ئىزدىنىش يولىدا. بېيجىڭ- تيەنجىن-خېبېي ۋاز كېچىش بىلەن ئېرىشىش ئارىسىدىكى تاللاشتا، تېخىمۇ كۆپ ماس تەرەققىياتنىڭ كارتىنىسىنى سىزىپ چىقالامدۇ-يوق؟

  كىشىلەر بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ئىسلاھات قەدىمىنى توختاتماسلىقىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

  40 يىللىق بوران-چاپقۇنلۇق زور ئۆزگىرىش، 40 يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش مۇساپىسىنى باسقان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىن قايتا ئاتلاندى. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ئۈچ ئۆلكە، شەھەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ماس تەرەققىياتنىڭ ئۆزى بىر مەيدان چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات، بىر زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىشتىكى قايتا قۇرۇش مۇساپىسى. سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ماس تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مەمۇرىي توسۇق ۋە مېخانىزم-تۈزۈلمە توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، ماس تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈم كاپالىتى بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئۇ كونكرېت مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونىدىكى ئايروپورت، پورت توپى ماسلىشىش رولىنى قانداق جارى قىلدۇرىدۇ؟ لايىھەنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.» «شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى بېرىش كېرەك، شيۇڭئەننىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولسىلا پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش كېرەك.» «چاڭجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بىلەن ئۆزئارا تولۇقلاپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات مۇھىم ئامىللىرىنى تېخىمۇ راۋان، تەرتىپلىك توپلاش، ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.»

  سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ باش شۇجىنىڭ ئىلگىرى قىلغان بىر بۆلەك سۆزىنى ئەسلىدى: «ھەم جەلپ قىلىدىغان رىغبەتلەندۈرۈش، ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بولۇشى، ھەم مەجبۇرلايدىغان بەزى چەكلىمىلىككە ئىگە تەدبىرلەر بولۇشى كېرەك. <جەلپ قىلىش> ۋە <مەجبۇرلاش>تىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىن تۇتۇپ، كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان، تەجرىبىگە ئىگە سىياسەتلەرنى تېزلىكتە ئوتتۇرىغا قويۇش، بولۇپمۇ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىلىدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىپ، ئورنىتىپ، بېيجىڭنى قويۇپ بېرىشنى خالايدىغان قىلىش، خېبېي، تيەنجىن قاتارلىق رايونلارنىمۇ قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان قىلىش كېرەك.»

  «<سېۋەتكە تەرگەننىڭ ھەممىسى كۆكتات> دېيىشكە بولمايدۇ، بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات بوشلۇق جەھەتتىكى يۆتكىلىشلا بولسا بولمايدۇ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوبرازلىق ئوخشىتىش ئارقىلىق، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىن ئىبارەت ئۈچ جاينىڭ تەرەققىياتىدىكى قوبۇل قىلىش ۋە ۋاز كېچىشنى چۈشەندۈرۈپ ئانالىز قىلدى.

  كىشىلەر يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ئارزۇ قىلىدۇ.

  «دۆلىتىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم مەنبەسى ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ مەنبەسىنى بەرپا قىلىش كېرەك»، بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىدا بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئېنىق تەلىپى.

  بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، ئۇ مەخسۇس تيەنجىن بىنخەي-جۇڭگۇەنسۈن پەن- تېخنىكا رايونىغا بېرىپ كۆردى. بىنخەي يېڭى رايونى، جۇڭگۇەنسۈندىن ئىبارەت يېڭىلىق يارىتىشتىكى داڭلىق ئىككى ھەمراھ قول تۇتۇشۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قانداق ئۇرغۇتىدۇ؟

  «تيەنخې» يۈرۈشلۈك دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر، «ئالەمنى ھېسابلايدۇ»، «يەرنى ھېسابلايدۇ»، «ئادەملەرنى ھېسابلايدۇ»، سۈرئىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنىڭ ئېشىشى توغرىسىدا، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئەڭ بىۋاسىتە كۆزىتىدىغان تەسىراتقا ئىگە. مەسئۇل خادىم ليۇ گۇاڭمىڭ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كومپيۇتېر ساھەسىدە بىزنىڭ سادايىمىزغا ھېچكىم قۇلاق سالمايتتى، ھازىر دۆلەت دەرۋازىسىدىن سىرتقا چىققاندا كەلگۈسى كومپيۇتېرغا نىسبەتەن قانداق كۆز قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئورنىمىز زور دەرىجىدە ئوخشىمايدۇ.

  سۈنئىي ئەقىل توك تەقسىملەش تور بەلبېغى توك مەشغۇلات ماشىنا ئادىمى بۇرما مىخنى چىڭىتىش، قۇلۇپ ئېچىش، تورنى يىغىش مەشغۇلاتلىرىنى راۋان ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. ئىشچىلاردىن تەشكىللەنگەن يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ نۇرغۇن كەشپىيات ياراتقان جاڭ لىمىڭ ئىپتىخارلانغان ھالدا باش شۇجىغا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىش ئورنىدا توختىماي ئۆگىنىپ، يېقىندا ئىسلاھات ئاۋانگارتلىرىنىڭ بىرىنچى سەپ ۋەكىلى بولغانلىقىنى ئېيتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنى ماختاپ مۇنداق دېدى: «ھەقىقىي بىلىم ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ. سىز تۆھپە قوشۇپسىز، يەنە يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە بوپسىز.»

  ئۈچ يىل ئىلگىرى بىنخەي يېڭى رايونىغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ياش چى جۈنتۇڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا نىسبەتەن تولۇق ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «سىز تۇرۇۋاتقان بىنخەي يېڭى رايونى ھاياتىي كۈچكە تولغان، بىزنىڭ ئارزۇيىمىز، جاسارىتىمىز، يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىمىز ۋە يوشۇرۇن كۈچىمىز بار!»

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن مەمنۇنلۇق بىلەن مۇنداق دېدى: «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش كېرەك، دۆلىتىمىز يەنە ئالغا ئىلگىرىلەشتىمۇ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىشى كېرەك. قانداق قىلغاندا جۇڭگولۇقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاتقىلى بولىدۇ؟ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھەر خىل سىياسەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك مۇھىت بەرپا قىلىۋاتىدۇ. بىز يېڭىلىق يارىتىش ئارزۇسى بارلارنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشەنچى، قىزغىنلىقى بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىغا ئاتلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.»

  كىشىلەر بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ئېچىۋېتىلگەن يېڭى پەللىدە تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

  يول بويى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىگەن غايەت زور يۈك پاراخوتى بىپايان تىنچ ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ، تيەنجىن پورتى پىرىستانىغا يېتىپ كەلدى. قەدىمكى دېڭىز يىپەك يولى بۈگۈنكى كۈندە بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ دېڭىزغا يۈزلىنىپ گۈللىنىشىدىكى سۇ يولىغا ئايلاندى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ دېڭىزغا نەزەر سالدى، دېڭىز بىلەن ئاسمان بىر رەڭدە بولۇپ، نۇر چاقناپ تۇراتتى. پورتتا كېچە-كۈندۈز يۈك كىرگۈزۈلۈپ- چىقىرىلىپ تۇراتتى، ئۇ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ دېڭىزدىكى دەرۋازىسى، يېڭى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ مۇھىم باشلىنىش نۇقتىسى، 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسى بولۇپ، دۇنيادىكى 180دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىكى 500دىن ئارتۇق پورت بىلەن سودا ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

  جۇڭگونىڭ دۇنياغا يۈزلەنگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلماقتا. ئېچىۋېتىش بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ سىرتقا چىقىرىشتىن دېرەك بېرىپلا قالماي، يەنە رايون تەرەققىيات ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئۆلچىگۈچىسى. بۇ يەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلارنى يۈكسەك ئىرادىلىك بولۇپ، دېڭىز بىلەن قۇرۇقلۇقنى تۇتاشتۇرۇپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى؛ يەنە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ باشقا بىر قاتلاملىق چوڭقۇر مەنىسى ئۈستىدە توختالدى. «بىز كەسىپنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. ئاشلىق جۇڭگونىڭ ئاشلىقى، سانائەت جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، پەن-تېخنىكا جۇڭگولۇقلار ئىگىلىگەن يادرولۇق پەن-تېخنىكا... كەسىپنى زورايتىپ، كۈچەيتكەندىلا، بىز پۇختا قەدەم بىلەن سىرتقا چىقىرالايمىز، ئىسمى-جىسمىمىزغا لايىق ھالدا دۇنيانىڭ چوققىسىغا چىقالايمىز.»

  «خەلقنىڭ شەھىرى خەلق ئۈچۈن.» خەلقنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشىنى كۆزلىگەن بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئۈمىدى، باش شۇجى بۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. تەكشۈرۈش مۇساپىسىدە، ئۇ ياشاشقا باب كېلىدىغان بولۇشنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى. «كۆك ئاسمان، زۇمرەتتەك سۇ، ياپيېشىل دەرەخلەر، كۆك بىلەن يېشىللىق ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، كەلگۈسىدە تۇرمۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچىمى ئېكولوگىيەسى ياخشى بولۇش.» شيۇڭئەندىكى «مىڭ يىللىق شيۇلىن»دا، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشتەك يېڭى خىزمەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق تاپىلىدى: «شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا 1 مىليون 250 مىڭ يەرلىك پۇقرا بولۇپ، پۇقرالارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ياخشى قىلىپ، ئۇلارنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. بىز بىر چىرايلىق يېڭى شەھەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پۇقرالارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ياشىشى ئۈچۈن يېڭى شەھەر قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.»

  ئىلگىرىلەش بىلەن چېكىنىش، «بىر ئائىلە كىشىلىرى»دەك ھەمكارلىشىش

  تاغلار تومۇرداش، سۇلار مەنبەداش، كىشىلەر ئېجىل-ئىناق، زېمىن ئۆزئارا تۇتاش. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ئۈچ قوشنا ئەسلىدىنلا «بىر ئائىلە كىشىلىرى».

  بەيياڭديەن ۋوگزالىدىن چىققاندا، بىر قۇر جەزبىدار «يېڭى دەۋر كۈرەشچىلەرنىڭ دەۋرى» دېگەن خەتلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي كۈرەشچىلەرنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى، دەۋر كەچۈرمىشىنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچى، دەل سانسىزلىغان كۈرەشچىلەرنىڭ كىشىلىك ھايات پۇرسىتى.

  بۇ يەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتكەنلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  ئۇلارنىڭ ئىسمى ئىگىلىك تىكلىگۈچى.

  «سىلەر بىرىنچى تۈركۈمدە شيۇڭئەنگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىچىلارغۇ دەيمەن؟» يېڭى رايون مەمۇرىيەت ئىشلىرى مەركىزىدە، باش شۇجىنىڭ گەپ سورىغانلىقىنى ئاڭلاپ، يېڭى رايونغا ئورۇنلاشقان كارخانىچىلار بەس-بەستە شيۇڭئەندىكى ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى بايان قىلدى.

  بىر يىگىت كارخانىسىنى بېيجىڭدىن بۇ يەرگە يۆتكەپ كەلگەن بولۇپ مۇنداق دېدى: «شيۇڭئەنگە كېلىش بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر قېتىملىق ئىمتىھان. بۇ ئىمتىھان مەيدانى بىزنىڭ ئۆلچەمگە يېتەلەيدىغان-يېتەلمەيدىغانلىقىمىزنى، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، خەلقئارا ئۆلچەمنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان-ئاشۇرالمايدىغانلىقىمىزنى سىنىماقتا. بىز ئەلا جاۋاب بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.»

  تارىخ پەقەت ئىرادىسى مۇستەھكەملەر، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغانلار، جان تىكىپ ئېلىشىدىغانلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھەرگىزمۇ ئىككىلىنىدىغانلار، بىپەرۋالار، قىيىنچىلىقتىن قورقىدىغانلارنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى خۇددى بىر «سەرخىللارنى قوبۇل قىلىش بۇيرۇقى»دەك سانسىزلىغان كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترەتتى: «بىزنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى قۇرۇشىمىز ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كارخانىلارنىڭ ئورتاق قاتنىشىشىغا ئېھتىياجلىق. مەيلى دۆلەت كارخانىلىرى ياكى پۇقراۋى كارخانىلار بولسۇن، مەيلى يەرلىكتىكى كارخانىلار ياكى بېيجىڭدىكى كارخانىلار بولسۇن، مەيلى جۇڭگو كارخانىلىرى ياكى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى بولسۇن، ھەممىسى تېپىلغۇسىز بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئەزىمەتلەردىن بولۇشى كېرەك!»

  ئۇلارنىڭ ئىسمى كۆچۈپ كەلگۈچى.

  30 مىڭ ئادەمنىڭ ھەيۋەتلىك كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى كۆپچىلىك 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ۋىۋىسكا ئېسىلغان چاغدىلا بىلدى. بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ كونا جايدىن يېڭى جايغا ئاپتوموبىللىق بېرىپ-كېلىشىگە بىر-ئىككى سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، كۆچۈپ كەلگۈچىلەر يېرىم كېچىدە جىمجىتلا كۆچۈپ كەلدى. بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم خىزمەت بىناسىنىڭ ئاساسىي بىنا چوڭ زالىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ئىنچىكە نۇقتىلار ئۈستىدە توختىلىپ: «مەن بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم»، دېدى.

  30 مىڭ ئادەمنىڭ ئارقىسىدا 30 مىڭ ئائىلە بار، بەزىلەرنىڭ «خىزمىتى» بىلەن «تۇرالغۇسى» ئايرىلىپ كەتكەن بولۇپ، كۆرگىلى بولىدىغان قىيىنچىلىق كۆز ئالدىدىلا تۇراتتى. بىر بۇيرۇق بىلەن، ئۇلار ئومۇملۇقنى كۆزلەپ، تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسى ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەسىرلەنگەن ھالدا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇردۇڭلار، ئەمەلىيلەشتۈردۈڭلار. بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇش، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، سىلەر بۇ تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممەڭلەرگە ئالدىڭلار، تۆھپە قوشتۇڭلار.» ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: كۆچۈش ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا قارىتا قاراتمىلىققا ئىگە، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ھەل قىلىپ، تەكشى، مۇقىم ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئۇلارنىڭ ئىسمى مۇلازىمەت قىلغۇچى.

  تيەنجىن شەھىرى خېپىڭ رايونىنىڭ شىنشىڭ كوچىسى چاۋياڭلى مەھەللىسىدە پىدائىيلار مۇلازىمىتى دەيدىغان بىر كونا ۋىۋىسكا بار. 30 يىل ئىلگىرى، قوشنىلارغا قىزغىن مۇلازىمەت قىلىدىغان 13 ياشانغان كىشى خۇددى يانغىندەك مەھەللە پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى جانلاندۇرغانىدى. ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ جانلانغان ۋەزىيىتى پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملاشتۇرۇلدى. مەھەللىدە شى جىنپىڭ بىر توپ پىدائىيلار ئارىسىغا كەلدى.

  ياشانغانلار، ئۆسمۈرلەر... ھەربىر كىشىنىڭ «پىدائىيلىق ھېكايىسى» بىر نۇر. 86 ياشلىق ھەربىيدىن چېكىنگەن پېشقەدەم ئەسكەر دۇ جىرۇڭ يۇيۇۋېرىپ ئاقىرىپ كەتكەن ھەربىي فورمىسىنى كىيىپ كەلگەنىدى، ئۇ باش شۇجىغا ھەربىيچە سالام بېرىپ، مەردانىلىك بىلەن: «مەن ئېشىنچا رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىمەن!» دېدى. مېھرى ئىللىق لۈ ۋېنشيا قوشنىلار ياخشى كۆرىدىغان «ئىللىق موما» بولۇپ، ئۇ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: «تۆھپە قوشۇۋاتىمىز، خۇشال يۈرۈۋاتىمىز. سىز بىزنى يېڭى دەۋرگە باشلاپ كىردىڭىز، ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدا بىز ھەرگىز سەپتىن چۈشۈپ قالمايمىز!» قىزچاق جى شىيۈ بىر «كونا پىدائىي» بولۇپ قالدى، ئۇ باش شۇجى كېيىنكى قېتىم تيەنجىنگە كەلگەندە، «شى بوۋىغا كىچىك ساياھەت يېتەكچىسى بولۇش»نى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مۇھەببەتنىڭ كۈچى كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ پىدائىيلارنى ئالقىشلاپ، ئۇلارنى جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتا ئالدىدا ماڭغۇچىلار، يېتەكلىگۈچىلەر دەپ تەرىپلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پىدائىيلار مۇلازىمىتى جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، پىدائىيلار ئىشلىرى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى بىلەن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى كېرەك.

  ئۇلارنىڭ ئىسمى قۇرغۇچى.

  سىن ئۇلانغاندىن كېيىن، تۈمەنلىگەن بېيجىڭ- شيۇڭئەن شەھەر ئارا تۆمۈريولىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.

  بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يول تورى زىچلىقى ئەڭ يۇقىرى، قاتناش-تىرانسپورتى ئەڭ ئالدىراش رايونلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا تەرەققىياتى ئەڭ تەكشىسىز رايونلارنىڭ بىرى. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، قاتناشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

  قۇرۇلۇش باش قوماندانى ياڭ بىن بېشىغا بىخەتەرلىك قالپىقىنى كىيىپ، تاختىپەرنىڭ ئالدىدا تۇراتتى، ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلغان بىر توپ قۇرۇلۇش قىلغۇچىلار تۇراتتى، ئۇلار بىر جۈپ قولى بىلەن بېيجىڭ بىلەن شيۇڭئەننى تۇتاشتۇرىدىغان «جۇڭگو سۈرئىتى»نى ياراتماقتا. «بېيجىڭ- شيۇڭئەن شەھەر ئارا تۆمۈريولىدا 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە پۈتتۈرۈلۈپ قاتناش باشلاش پىلانلانغان.» ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا: «يولداشلار، ئىشەنچىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورىدى، «بار!» دېگەن جاراڭلىق جاۋاب كەڭ دالىدا ياڭرىدى.

  بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن شى جىنپىڭ ئىنتايىن تەسىرلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر قەھرىتان مەزگىل، بىراق بىزنىڭ تۆمۈريول قۇرغۇچىلىرىمىز يەنىلا جاپالىق ئەمگەك قىلماقتا. سىلەر شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ «مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان» ئۈچۈن يول ئېچىپ ئاۋانگارت بولىدىغان خىزمەتنى ئىشلەۋاتىسىلەر، تۆھپەڭلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. پۈتۈن مەملىكەت خەلقى سىلەرنىڭ غەلىبە خەۋىرىڭلارنى كۈتمەكتە!

  ئۇلارنىڭ ئىسمى ۋەتەنپەرۋەر.

  100 يىللىق نەنكەي تارىخىغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ روھى ۋە پەزىلىتى مۇجەسسەملەنگەن. نەنكەي داشۆنىڭ مەكتەپ تارىخى كۆرگەزمىخانىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمىنى ئاستىلاتتى، ئۇ ھەربىر پارچە رەسىم ئالدىدا، تارىخىي ماتېرىيال ئالدىدا قەدىمىنى توختىتىپ سەپسېلىپ قارىدى، ئويلاندى.

  «دۆلەت بايرىقىنىڭ ئۈچ قېتىم ئالمىشىشى»دەك قايغۇلۇق كۆرۈنۈش نەنكەينى بارلىققا كەلتۈردى. ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار جەڭ مەيدانىغا ئاتلاندى، ئۇرۇش ئوتى نەنكەيدە ياندى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئارمىيەسى نەنكەينى بومباردىمان قىلىپ: تيەنجىندىكى ياپونغا قارشى تۇرۇش بازىسىنى پارتلىتىپ، ئۇنىڭ تارىخىنى يوقىتىپ، روھىنى ئۇجۇقتۇرىمىز، دەپ داۋراڭ سالدى.

  «ئەمەلدار، ئېسىلزادە بولۇشقا ئىرادە تىكلىمەي، بەلكى ۋەتەننى سۆيىدىغان قەھرىمانلاردىن بولۇشقا ئىرادە باغلاش كېرەك.»

  «خەلقىمىزنىڭ يېڭى نەنكەيدىن كۈتكەن ئۈمىدى <جۇڭگونى بىلىش> <جۇڭگوغا مۇلازىمەت قىلىش>تىن ئىبارەت بۇ ئىككى سۆزدىن باشقا نەرسە ئەمەس.»

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بوش ئاۋازدا ئوقۇپ، تەپسىلىي چۈشەنگەندىن كېيىن «بەك ياخشى دەپتۇ!» دېدى.

  «مەكتەپ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان جاي. قانداق ئادەمنى تەربىيەلەش كېرەك؟ بۇ ناھايىتى مۇھىم. ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللىي يۈرىكى، مىللىي روھىدۇر.» ئۇ يېنىدىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن «ئىدىيەۋى سىياسىي دەرسنى قانداق ئۆتۈسىلەر؟ ئوقۇغۇچىلار قىزىقامدۇ؟» دەپ سورىدى، «يېڭىچە، جانلىقراق سۆزلەڭلار. سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە، ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.» دېدى.

  ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كىچىك مەننى چوڭ مەنگە سىڭدۈرگەندىلا كۆڭۈل دېڭىزدەك كەڭرى، تاغدەك يۈكسەك بولىدۇ. قەلبىڭلارغا دائىم كەلگۈسى ئۇلۇغۋار نىشاننى پۈكۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن سىلەر مۇشۇ ئەۋلاد كىشىلەر تارىخىي تۆھپە قوشۇشۇڭلار كېرەك.»

  قىشتىكى نەنكەينىڭ مەكتەپ قورۇسىدا شىشەن بىناسىنىڭ ئالدىدىكى كۆل بويى يېڭى تۈسكە كىرگەنىدى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ «جۇڭخۇانى سۆيىمەن» «جۇڭخۇانى گۈللەندۈرەيلى» دېگەن ياڭراق سادالار ھەممە ياقنى قاپلىدى. ناخشا ساداسى ھەيۋەتلىك بولۇپ، ئالقىشلار ياڭرىدى، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىنىڭ كۆزلىرى ئىسسىق ياشقا تولدى.

  تەكشۈرۈش يولىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ نەنكەيدىكى ھەربىر كۆرۈنۈشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

  «جۇڭگو خەلقى جاپالىق ئىشلەپ، مىڭبىر مۇشەققەتتە ئىگىلىك تىكلىدى، نۇرغۇن ئىرادىلىك ئەزىمەتنىڭ قۇربان بېرىشى بەدىلىگە بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەر قولغا كەلدى. بۇ يىل بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز. ئەڭ ياخشى تەبرىكلەش−ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچ- ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، زىممىمىزدىكى تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئۈستىمىزگە ئېلىشتۇر. بىزنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتىمىز <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدۇر. نەنكەي داشۆسىنىڭ پېشقەدەم مۇدىرى جاڭ بولىڭنىڭ سەن جۇڭگولۇقمۇ؟ سەن جۇڭگونى سۆيەمسەن؟ جۇڭگونىڭ ياخشى بولۇشىنى خالامسەن؟ دېگەن <ئۈچ سوئال>ى بار، بۇ، تارىخنىڭ سوئالى، شۇنداقلا دەۋرنىڭ سوئالى، كەلگۈسىنىڭ سوئالىدۇر. بىز بۇ ئىشنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.»

  دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئادەمگە باغلىق. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، كۆچۈپ كەلگۈچىلەر، مۇلازىمەت قىلغۇچىلار، قۇرغۇچىلار، ۋەتەنپەرۋەرلەر... ئۇلارنىڭ ئاياغ تىۋىشىدىن بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تومۇر سوقۇشىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ جىسمىدىن بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ كەلگۈسىنى كۆرگىلى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كەلگۈسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.