شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لياڭ لىخۇا خەۋىرى): بىر پاكىز، گۈزەل شەھەر ھەر بىر شەھەر گۈزەللەشتۈرگۈچى ـــ مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدىن ئايرىيالمايدۇ. ھەر كۈنى بىز ئۇخلاپ ياتقان تاڭ سەھەرلەردە مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى بىر كۈنلۈك خىزمەتلىرىنى باشلاپ كېتىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ياڭ شۆخۈي دەل نۇرغۇن شەھەر گۈزەللەشتۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى. بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن ياڭ شۆخۈي يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ كەسىپنى قىلىۋاتقىلى 18 يىل بولغانىدى. 2001-يىلى، ياڭ شۆخۈي يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ مۇھىت تازىلىقى باشقارمىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن بولۇپ، ھەر كۈنى ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئەخلەتلەرنى توشۇيتتى.
ياڭ شۆخۈي مۇنداق دېدى: مەن مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى بولغاندىن باشلاپ، جەمئىي تۆت ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇردۇم، ھازىر ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ قۇرۇلمىلىرى ئۆستۈرۈلۈپ پىرېسلاش ئاپتوموبىلىغا ئايلاندى، ھازىر بىر قېتىم ئەخلەت توشۇشۇم بۇرۇنقى تۆت قېتىم توشۇشۇمغا باراۋەر كېلىدۇ.
قاتناش ۋە ئاھالىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ياڭ شۆخۈيمۇ باشقا مۇھىت ئاسراش تازىلىق ئىشچىلىرىغا ئوخشاش ھەر كۈنى سائەت ئالتىدە خىزمەتلىرىنى باشلىۋېتەتتى.
ــ شەھەر گۈزەللەشتۈرگۈچى بولۇش بەك شەرەپلىك،-دەيتتى ئۇ. خىزمەت گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن، ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق، شەھەر مۇھىتىنىڭ پاكىز ھەم گۈزەل بولغانلىقىنى كۆرگىنىدە ياڭ شۆخۈينىڭ كۆڭلى شان-شەرەپ تۇيغۇسىغا چۆمەتتى. ياڭ شۆخۈي ۋە خىزمەتداشلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى 2003-يىلى مەملىكەت بويىچە پاكىز ناھىيە، دەپ نام بېرىلگەندىن بۇيان، ھازىرغىچە ئىزچىل مۇشۇ شەرەپلىك نامنى ساقلاپ كەلدى.