تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى چاغانغا قىزغىن تەييارلىق ‏قىلماقتا

 شىنجاڭ قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىلىدەن كەنتى ئاھالىلىرى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى فۇجيەن شىۋىسىدە ئېيتىلىدىغان «تىرىشقاندىلا يەڭگىلى بولىدۇ» دېگەن ناخشىنى ئېيتىشنى مەشىق قىلماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى. چاغاننىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىلىدەن كەنتىدە بايرام كەيپىياتى بارغانچە قويۇقلاشتى. كەنتتىكى «ئەدەبىيات-سەنئەت داڭلىق شەخسلىرى» بىر مەيدان كەنت دەرىجىلىك چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، قىپقىزىل پانۇسلار كوچا ـ كويلارغا ئېسىلىپ، خۇشال بايرام كەيپىياتى ئەكس ئەتكەنىدى.

  ئەرشىلىدەن كەنتى ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ قاتارلىق كۆپ مىللەت ئاھالىلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەنتتە زور ياخشى ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ئارقىدا قالغان بۇ كەنت «بىردىنلا ئۆزگىرىپ» نەمۇنە كەنتكە ئايلاندى. يوللارغا ئاسفالىت ياتقۇزۇلدى، مەدەنىيەت كارىدورى ياسالدى، ھەمراھ زاۋۇتلار ماكانلاشتى، ھەتتا، كەنت ئاھالىلىرى ياقىدىغان نانمۇ داڭلىق تاۋار قىلىنىپ، سىرتلارغا سېتىلدى. بايراملاردا، كەنت ئاھالىلىرى جۇۋاۋا تۈگۈپ، پولو ئېتىپ يەپ، شوخ مەشرەپكە چۈشىدۇ، جىڭجۈ تىياتىرى ئېيتىدۇ، يېقىندىن بۇيان، ناخشا ئېيتىشقا ئامراق بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كادىرلىرىنىڭ تەسىرىدە فۇجيەن شىۋىسىدە ئېيتىلىدىغان ناخشىلارنىمۇ خېلى ياخشى ئېيتىدىغان بولدى. (ۋاڭ فېي فوتوسى)

1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۇسسۇل كىيىمى كىيىۋالغان كەنت ئاھالىسى كەنت مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىگە رېپېتىتسىيە قىلىش ئۈچۈن ماڭدى.

 كەنت ئاھالىلىرى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى «چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى»دە «ۋەتىنىم» ناملىق خورنى ئورۇندىماقتا.

1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كەنتنىڭ «چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى»دە كەنت ئاھالىلىرىدىن بۇئايشەم (سولدا) ۋە رازىگۈل جىڭجۈ تىياتىرى «لىخۇا قەسىدىسى»نى ئورۇندىماقتا.

كەنت ئاھالىلىرى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئارقا سەھنىدە ئويۇن قويۇش تەييارلىقىنى قىلماقتا.

1-ئاينىڭ 17-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار بىرلىكتە جۇۋاۋا، پولو قاتارلىق تاماقلارنى يېمەكتە.

1-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن بىر كادىر كەنت ئاھالىلىرىگە باھار بېغىشلىمىسى يېزىپ بەرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى