تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي- قانۇن خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي- قانۇن خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

    پارتىيەنىڭ سىياسىي- قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ سىياسىي- قانۇن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇنلارغا ئاساسەن، بۇ نىزام تۈزۈلدى.

    سىياسىي- قانۇن خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پارتىيەنىڭ سىياسىي- قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ دىكتاتۇرا فۇنكسىيەسى، باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى، مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلىشىنىڭ مۇھىم شەكلى ۋە يولى.

    سىياسىي- قانۇن خىزمىتىدە جەزمەن ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى قەتئىي قوغداپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، سىياسىي- قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللاپ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى مۇستەقىل، ئادىل يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سىياسىي- قانۇن قوشۇنىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىسىلىق، قوغدىغۇچىسىلىق بۇرچىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئادا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    سىياسىي- قانۇن خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تىنچ- ئامان جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي- قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەقلىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال- خۇرام ئىشلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتەك ئاساسلىق ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بىخەتەر سىياسىي مۇھىت، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت، ئادىل قانۇنچىل مۇھىت، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

    سىياسىي- قانۇن خىزمىتىدە تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك:

    (1) پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى سىياسىي- قانۇن خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش؛

    (2) خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس خىزمەت بىلەن ئاممىۋى لۇشيەننى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش؛

    (3) قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش؛

    (4) ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش؛

    (5) ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش؛

    (6) دۈشمەن بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە خەلقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى تۈرلۈك ئوخشاش بولمىغان خاراكتېردىكى زىددىيەتنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈپ ۋە توغرا بىرتەرەپ قىلىپ، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسى فۇنكسىيەسىنى توغرا يۈرگۈزۈش؛

    (7) جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش؛

    (8) ئىسلاھ قىلىش- يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئەدلىيە تۈزۈمى ۋە سىياسىي- قانۇن خىزمىتىنىڭ يۈرۈشۈش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛

    (9) سىياسىي- قانۇن ئورۇنلىرى قانۇن بويىچە ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل بولۇپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا چەكلەپ، ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئادا قىلىش، ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛

    (10) سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، كەسىپتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، مەسئۇلىيەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىنتىزامدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىستىلدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، خەلق ئۈچۈن قانۇن ئىجرا قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، پاك- دۇرۇس بولغان يېڭى دەۋردىكى سىياسىي- قانۇن قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

    «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي- قانۇن خىزمىتى نىزامى» جەمئىي توققۇز باب، 39 ماددا بولۇپ، 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي- قانۇن خىزمىتىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ ئومۇمەن بۇ نىزام بىلەن بىردەك بولمىغانلىرى مۇشۇ نىزام بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى