تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى قۇرماش سېرجان

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىپ يىغىن ئېچىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تەستىق سېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ بۇ باش نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق 9-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچنى سىجىل مەركەزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغان، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەيدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت»نى ئاتتى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بولغان ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، شىنجاڭدا ئىدىيە بىرلىككە كەلگەن، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد راۋاجلانغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان ۋە كادىرلار تۆھپە قوشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

  «ئۈچ خىل كۈچ» يامان غەرەزلىك، پەسكەش-نومۇسسىز، ئەسلىنى ئۇنتۇغان بولۇپ، تەپتارتماستىن شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئۆزگەرتىۋېتىپ، شىنجاڭنىڭ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتنى ئىنكار قىلىپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تومۇرداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان جاي ئىكەنلىكىدەك ئاساسىي تارىخىي پاكىتنى كۆرمەسكە سېلىپ، مىللىي ئارازلىق ۋە ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. مەن پارتىيەنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم، تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئېلىپ كەلگەن بالايىئاپىتىدىن قاتتىق يىرگەندىم. بىز جەزمەن بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، پولاتتەك ئىرادە، پولاتتەك قول، پولاتتەك بىلەك، پولاتتەك مۇشت بىلەن قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»نى پاكىز يوقىتىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پاكىز قېزىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم، ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا خاس مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن.

  قەتئىي تەۋرەنمەي بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىمەن. قەتئىي ھالدا پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى تۈپ سىياسىي تەلەپ قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يادرونى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىپ، يادرونى قوغداپ، يادروغا بويسۇنۇپ، يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ، يادرونى ھىمايە قىلىپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولىمەن، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، باشتىن-ئاخىر بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنىمەن، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا، پارتىيەگە سادىق، سەمىمىي بولىمەن، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىنى ئاڭلايمەن، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن، ئۆزۈمنى پارتىيەگە، دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى كەم-كوتسىز ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشتە ھەرگىز مۈجمەل بولمايمەن، ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايمەن، ھەرگىز يول قويمايمەن، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىمەن.

  قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرىمەن. نۆۋەتتە، گەرچە شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە باسقۇچلۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بىز شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر يامان نىيىتىدىن يانمىدى، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» كەسكىن ۋەزىيىتىدە تۈپ ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇش كۈرىشى يەنىلا ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر بولىدۇ. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشتىن-ئاخىر قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشاننى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، بوشاڭلىق قىلماسلىقنى، تەلەي سىنىماسلىقنى، تەۋرەنمەسلىكنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمەن، بارلىق خىزمەتنى باش نىشاننى چۆرىدەپ پىلانلاشتا، ئورۇنلاشتۇرۇشتا، قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرىمەن، ھەر ۋاقىت دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، جان تىكىپ ئېلىشىمەن. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، قەتئىي ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى−ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ ئۇل تېشى، شۇنداقلا 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى. مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن. مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى باشتىن-ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى باشتىن-ئاخىر قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى قەتئىي قوغداپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا پائال يېتەكلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، چىن قەلبىم، چىن ھېسسىياتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، سېنىڭ-مېنىڭ دېيىشمەي، قەلبداش بولۇپ، قىيىنچىلىقنى تەڭ زىممىسىگە ئالىدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى ئورتاق پۇختىلايدىغان قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ، راۋجلاندۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئۇزاققىچە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمەن. ماركسىزملىق ماتېرىيالىستىك تارىخ قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر تارقاتقان ئەكسىيەتچىل كۆز قاراشنى تىغمۇتىغ تەنقىد قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، شىنجاڭ تارىخىنى ئېنىق سۆزلەپ، ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئىنتايىن خەۋپلىكلىكىنى ئېنىق سۆزلەپ، ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلايمەن.

  قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىمەن. بىر پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن-ئاخىر بارلىق خىزمەتلەرگە باش نىشان ئارقىلىق بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى تۇتۇشتىكى سىياسىي مەجبۇرىيەت ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى، ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى كۆزلەپ، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يەڭنى تۈرۈپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  قەتئىي تەۋرەنمەي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىمەن ۋە ياخشىلايمەن. نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن تارىخىي يېڭى مەزگىلگە كىردى، يەنە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم، زور تارىخىي پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئەلنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل نەپكە ئېرىشتۈرۈش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەمىمىي ئارزۇسى، شۇنداقلا كوممۇنىستلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى. بىز خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مايىللاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر كۆيۈنۈشىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. بارچە كۈچىمىز بىلەن مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق نۇقتىلىق توققۇز چوڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، دەۋا تەلىپىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى مائارىپتىن، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەتتىن، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەتتىن، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمىتىدىن، تېخىمۇ ئازادە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىدىن بەھرىلەندۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى پۇقرالارنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۇلارنى چىن قەلبىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى