تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى

(2019-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  يىغىن رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ھەم باشقا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارنى مۇزاكىرە قىلىپ، يۇقىرىقى دوكلاتلارنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى. يىغىن رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىدى، مۇئاۋىن رەئىس ماغاۋ سېيىتقامزانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىدى. بارلىق ئەزالار يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تەكلىپ بېرىش، چوڭ يىغىندا سۆز قىلىش، گۇرۇپپىدا مۇزاكىرە قىلىش، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق چوڭقۇر كېڭىشىپ، مۇھاكىمە قىلىپ، پائال چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېڭى قىياپىتى، يېڭى نەتىجىسىنى نامايان قىلدى.

  يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ئومۇملۇق ئىناق، مۇقىم بولۇش، ئىقتىساد تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىش، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلىنىش، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەشتەك ياخشى ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پىكىر- تەكلىپ بېرىش، سىياسىي مەسلىھەت بېرىشكە ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەپ، ئىتتىپاق، دېموكراتىك، ئەمەلىيەتچىل، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ يارىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  يىغىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2019-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى چوقۇم باشتىن-ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، سىياسىيدا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيەدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيەدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىياتتا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەرمانى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغان ئىشلارغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغان ئىشلارنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەن ئىشلارنى قەتئىي قىلماي، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، ئاخىرقى قارار چىقىرىدىغان نوپۇزىنى قوغدىشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، باشتىن- ئاخىر سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى پارتكوم خىزمىتىنىڭ ئومۇملۇقىغا قويۇپ، بارلىق خىزمەتلەرنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىپ، پارتكوم ئورۇنلاشتۇرغانلا بولسا، سىياسىي كېڭەش ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتكوم تەلەپ قىلغانلا بولسا، سىياسىي كېڭەش ئاۋاز قوشۇش، پارتكوم يوليورۇق بەرگەنلا بولسا، سىياسىي كېڭەش ھەرىكەتكە كېلىش، پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتى قەيەرگىچە ئالغا سىلجىتىلغان بولسا، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى شۇ يەرگىچە سىلجىتىش، ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ- قۇۋۋەتنى شۇ يەرگىچە مۇجەسسەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+ 3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، كەڭ دائىرىدە كېڭىشىشى، ئەمەلىي نازارەت قىلىشى كېرەك. باشتىن- ئاخىر ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئاشۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى نورماللىققا ئايلاندۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى كېرەك. ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك بولۇش، ئالاقىلىشىش دائىرىسى كەڭ بولۇش، سىغدۇرۇشچانلىقى زور بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئۇللۇق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ يىلتىز ۋە روھنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى كېرەك. «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت سەككىز خەتلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مۇھىم، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زورايتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، ھەقىقىي تەكلىپ بېرىشى، ياخشى تەدبىر، ئەسقاتىدىغان چارە كۆرسىتىشى كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، كېڭىشىپ، مۇھاكىمە قىلىپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەت - تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.

  يىغىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى ئورنى، يېڭى بۇرچىنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى- سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي ئوقى قىلىپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىش سۈپىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پىكىر- تەكلىپ بېرىش، مۇھاكىمە قىلىشنىڭ دەللىكى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈملۈكىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. باشتىن- ئاخىر يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەشچىلىرىگە خاس قىياپەت ۋە غەيرەت-شىجائەتنى ساقلاپ، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىپ، كېڭىشىشنى بىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، قائىدىنى تەكىتلەپ، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىپ، كەسكىن بولۇپ، جىددىيلىشىپ، ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە قويغان تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  يىغىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشقا چاقىردى!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى