تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى 15 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى

416 پارچە تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىر تاپشۇرۇۋالدى

  مۇخبىرلىرىمىز لياڭ لىخۇا، خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: يىغىن ھەيئەت رىياسىتى بەلگىلىگەن ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ تاپشۇرۇش ۋاقىت چېكى توشقىچە ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت ۋەكىللەر يىغىنغا 15 پارچە تەكلىپ تاپشۇردى.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپلەردىن ياسىن سىدىق قاتارلىق ئون ۋەكىل تاپشۇرغان كاننىڭ گېئولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ، سۇ شياۋلى قاتارلىق 12 ۋەكىل تاپشۇرغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەسلى مائارىپى نىزامى»نى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ، ئەنۋەر نۇر قاتارلىق ئون ۋەكىل تاپشۇرغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تېز يوللانما ۋاقىتلىق چارىسى»نى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ قاتارلىق 15 پارچە تەكلىپ بار.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ تەكلىپلەرنىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش، قانۇن نازارەتچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشكەن.

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، يىغىن ھەيئەت رىياسىتى يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى بۇ قېتىمقى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش- كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ ياكى يىغىندىن كېيىن ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرىدۇ. تەكلىپلەر ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، قانۇن بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا قاراپ چىقىش نەتىجىسى دوكلاتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىدىن ئۆتۈپ ماقۇللانغان ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى دوكلاتى كېيىنكى قېتىملىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا بېسىپ تارقىتىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، يىغىن مەزگىلىدە ۋەكىللەر ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا بەرگەن تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىردىن جەمئىي 416 پارچە تاپشۇرۇۋېلىنغان. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد، پىكرىنى بېجىرىش قائىدىسى»گە ئاساسەن، يىغىندىن كېيىن دائىمىي كومىتېت مۇدىرلار يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئالاقىدار تارماق، تەشكىلاتلارغا مۇزاكىرە قىلىپ بېجىرىشكە ھەم ۋەكىللەرگە جاۋاب قايتۇرۇشقا تاپشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى