تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنى يەڭگىل جابدۇپ سەپەرگە ئاتلاندۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي، ما يىنىڭ، چېن چياڭۋېي

  ۋەكىللەر، ئەزالار ساداسى

  «باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەت-تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىلتىز تارتقۇزۇپ، كارخانىلارنى يەڭگىل جابدۇپ سەپەرگە ئاتلاندۇرۇشىمىز كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2019-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىكى بۇ بىر جۈملە سۆز كارخانىلارغا «خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى» يېگۈزدى. باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ پايدىسى قويۇپ بېرىلسە، كارخانىلارنىڭ يۈكى يەنىمۇ يېنىكلەيدۇ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلىدۇ.

  بۇلتۇردىن بۇيان، باج ئىشلىرى ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بىر قاتار باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا تېز ئەمەلىيلىشىپ، بارغانسېرى كۆپ كارخانا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپتىن بەھرىمەن بولدى. بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋەكىللەر ۋە ئەزالار دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى.

  چېن گاڭلياڭ:

   كارخانىلارنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش كېرەك

  «بۇلتۇر شىركىتىمىز باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، تەننەرخنى 1 مىليون 900 مىڭ يۈەن تۆۋەنلەتتى، بىز بۇ مەبلەغنى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۈسكۈنىلەرنى كۆپەيتىش، ھۈنەر-سەنئەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىمىز. بۇنىڭدىن سىرت، بىز يەنە چارۋىچىلارنى مۇكاپاتلاپ، تۆگىچىلىك كەسپىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنى بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلەيمىز» دېدى ۋەكىل چېن گاڭلياڭ.

  چېن گاڭلياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيو پەن-تېخنىكا گۇرۇھى تۆگىدىن ئىبارەت بۇ شىنجاڭدىكى ئۆزگىچە ئەۋزەل بايلىققا زىچ تايىنىپ، ئورگانىك تۆگە سۈتى مەھسۇلاتلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق كەسىپ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، «باشلامچى»لار يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە تۈرتكە بولۇش يېڭى يولىدا ماڭغان. ھازىر بۇ گۇرۇھ شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى تۆگىچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان. ئالتاي، تارباغاتاي، سانجى، ئۈرۈمچى، قومۇل قاتارلىق جايلاردىكى 5000 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق چارۋىچى تۆگە بېقىش، تۆگە سۈتى سېتىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا ماڭغان.

  «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە ئائىت تېخىمۇ كۆپ سىياسەت چىقىرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پۇقراۋى كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ناھايىتى روھلاندۇق. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەلەپ-ئارزۇسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاۋاتىدۇ، بىز تېخىمۇ تىرىشىپ كارخانىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان-چارۋىچى قېرىنداشلارنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەيمىز»، چېن گاڭلياڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن بۇ يىللىق تەرەققىيات ئۈستىدە توختالدى.

   (زىيارەت قىلىنغۇچى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيو پەن- تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى)

  شياڭ جيەنجۈن:

   كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك

  «بىزنىڭ بالا شىركىتىمىز بولغان شىنجاڭ كوۋلې كوۋفۇ ئىمپورت-ئېكسپورت سودا چەكلىك شىركىتى يېتىشتۈرۈشتە يېتىلىۋاتقان كىچىك، مىكرو كارخانا، بۇلتۇر قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىمپورت تاموژنا بېجى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېتىبار سىياسەتلەر شىركىتىمىزنىڭ 125 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك بېجىنى كېمەيتتى». ئەزا شياڭ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل يۈكنى يەڭگىللىتىشكە ئائىت بىر قاتار سىياسەتنىڭ چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇلىدۇ.

  شياڭ جيەنجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركەتنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپى ئىمپورت يېمەكلىكلىرىنى سېتىش ۋە توپ تارقىتىش. 2018-يىلى شىركەت رۇسىيە بولكىسى ۋە ھەسىلىنى مەملىكەت ئىچىدىكى ئاساسلىق چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرگە سېتىپ ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشتى، 100گە يېقىن سودىگەر بىلەن قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى.

  شياڭ جيەنجۈن مۇنداق بىلدۈردى: باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە ئائىت بىر قاتار سىياسەتلەر كارخانىلارغا «خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى» يېگۈزدى. «<ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات>تا 2019- يىلى دۆلەتنىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىندى، بۇ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئۈچۈن مۇھىم، زور پايدا، بۇ ئېتىبار سىياسەتلەر جەزمەن كارخانىلارنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ» دېدى شياڭ جيەنجۈن.

   (زىيارەت قىلىنغۇچى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، كېرىيە يىپەك يولى كەسىپ يېتىلدۈرۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى)

  جاۋ ۋېي:

   باج كېمەيتىش سىياسىتىنى كەم-كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

  «بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى سىلىق، مۇقىم ئەمەلىيلەشتى، بۇ، دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باجنى كېمەيتىش- كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش بولدى» دېدى ئەزا جاۋ ۋېي.

  بۇلتۇردىن بۇيان، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە ئائىت بىر قاتار تەدبىرلەر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەمەلىيلىشىپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپتىن بەھرىلەندۈردى.

  «تۈرلۈك سىياسەتلەردە باجنى كېمەيتىپ، يۈكنى يەڭگىللىتىدىغان، باج مەنبەسىنى ساقلاپ قالىدىغان، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدىغان ياخشى ئۈنۈم سىجىل نامايان بولغاچقا، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئىنكاسى ياخشى بولدى» دېدى جاۋ ۋېي. بۇ ئىككى يىلدا دۆلەت باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، شىنجاڭدىكى باج تارماقلىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، باج يىغىش كىرىمىنى قانۇن بويىچە تەشكىللەپ، باج كېمەيتىشكە ئائىت تۈرلۈك سىياسەتلەرنى كەم- كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يەڭگىل جابدۇنۇپ ئاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  «بۇ يىل، بىز باج يىغىش ساھەسىدە <بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش> ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باج بېجىرىش، ھەق تاپشۇرۇشتا <ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم قاتراش> مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، <بىر زالدا بىرتۇتاش بېجىرىش>نى ياخشى ئىشلەپ، ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسىنى ياخشى قۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك، قولايلىق ھەق تاپشۇرۇش، باج بېجىرىش يوللىرى بىلەن پائال تەمىنلەيمىز. سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنى ھەر تەرەپلىمە قولايلاشقان باج بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، باج يىغىش تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئىسلاھاتتىن ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە مۇلازىمەتتىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى ھەقىقىي ئاشۇرىمىز» دېدى جاۋ ۋېي.

   (زىيارەت قىلىنغۇچى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى