تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى يېپىلدى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى، نۇرلان ئەبىلمەجىن رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

1-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى.

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۈي فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ، ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 1-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى.

  چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، جاڭ بو، مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، چيۇ شۇخۇا، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يېپىلىش يىغىنى باشلاندى. نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق جاكارلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 515، بۈگۈن ئەمەلىي قاتناشقان ئەزا 461 بولۇپ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: يىغىن مەزگىلىدە، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ھەم باشقا دوكلاتلارنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پائال چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، نۇرغۇن ياخشى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى. يىغىن قىزغىن، تەنتەنىلىك، ئەستايىدىل، ئەمەلىيەتچىل، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا ھالدا ئېچىلىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەش، كىشىلەرنى روھلاندۇرۇش، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مەقسىتىگە يەتتى.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، يېتىشىپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ساھەلەر ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا يۈزلىنىپ كەڭ كۆلەمدە لېكسىيە سۆزلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ھەممە ئائىلىنى خەۋەردار قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+ 3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، باشتىن- ئاخىر مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىكمە مۇشت تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايرىقى روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا پائال ئاتلىنىشى، كېڭىشىش پىلانى ۋە بۇ قېتىمقى يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پىكىر- تەكلىپ بېرىش، سىياسىي مەسلىھەت بېرىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملىشى كېرەك؛ يېڭى بۇرچنى زىممىسىگە ئالالايدىغان مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىش، يېڭى ماھارەتلەرنى ئىگىلەش ئاڭلىقلىقى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى، ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەزالارنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى سۇبيېكتلىق رولى، ئۆز خىزمىتىدىكى باشلامچىلىق رولى، ساھە ۋە ئامما ئارىسىدىكى ۋەكىللىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا زىممىسىگە ئالالايدىغان بولۇش، پىكىر- تەكلىپلىرى سۈپەتلىك بولۇش، سۆز- ھەرىكىتى قائىدىلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدىن، ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، بىڭتۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلار؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلار؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقۇچى ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار بار.

  يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى