تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

لەۋ سۇرۇخ يەپ سېلىش سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ؟

    پەرداز قىلىشقا ئادەتلەنگەن خانىم-قىزلار ئۈچۈن لەۋ سۇرۇخ پەرداز قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر بۇيۇم. چۈنكى ئوخشىمىغان رەڭدىكى لەۋ سۇرۇخ ئوخشىمىغان خاسلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. گەرچە خانىم-قىزلار لەۋ سۇرۇخنى يەپ سېلىشتىن شۇنچە ئىھتىيات قىلسىمۇ، بۇنىڭدىن يەنىلا پۈتۈنلەي خالىي بولالمايدۇ. تۆۋەندە لەۋ سۇرۇخ يەپ سالسا سالامەتلىككە زىيىنى بار-يوقلۇقى ھەققىدە توختىلىمىز.

   لەۋ سۇرۇخنىڭ ئاساسلىق تەركىبى نېمە؟

   لەۋ سۇرۇخ ئادەتتە ئۇللۇق ماددا، رەڭ، تېرە تەڭشەش دورىسى ۋە چىرىشتىن ساقلىغۇچى دورىدىن ياسىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم تەركىب موم، ئېستېر ۋە رەڭلىگۈچ بولۇپ، قىسمەن تەركىبتە تۆۋەن دەرىجىدە غىدىقلاش ۋە تېرە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما تەجرىبىدە بۇ تېخى ئىسپاتلانغىنى يوق.

    لەۋ سۇرۇخ تەركىبىدە قوغۇشۇن بارمۇ؟

   قوغۇشۇننىڭ رەڭنى روشەنلەشتۈرۈشچانلىقى ۋە يېپىشىشچانلىقى ياخشى بولغاچقا، ئىلگىرى ئەلا سۈپەتلىك پەرداز بۇيۇمىنىڭ ماتېرىيالى بولالايدۇ، دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەتلەر قوغۇشۇننى پەرداز بۇيۇمىغا ئىشلىتىشنى چەكلىدى.

   قوغۇشۇننى پەرداز بۇيۇمىغا ئىشلىتىش چەكلەنگەن تۇرۇپمۇ، نېمە ئۈچۈن بەزى پەرداز بۇيۇملىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قوغۇشۇن بايقىلىدۇ؟

   قوغۇشۇن تەبىئەت دۇنياسىدا كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت. مەسىلەن، بىز نەپەسلىنىۋاتقان ھاۋا، ئۇچرىشىۋاتقان يېمەكلىك ۋە سۇ، تۇپراق، تاش دانچىلىرىدىمۇ ئۇلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. پەرداز بۇيۇمىغا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللاردىن مىنېرال ماددا ۋە رەڭلىگۈچلەردىمۇ قوغۇشۇن مەۋجۇت. خىمىيە سانائەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق، قوغۇشۇننىڭ قويۇقلۇقىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى پۈتۈنلەي يوقاتقىلى بولمايدۇ. گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ «پەرداز بۇيۇملىرى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمى»دە پەرداز بۇيۇمىدىكى قوغۇشۇننىڭ مىقدارى ھەر كىلوگرامىغا 40 مىللىگرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.

   لەۋ سۇرۇخ تەركىبىدىكى قوغۇشۇن سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ؟

   بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېمەكلىك خۇرۇچلىرى بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى 2010-يىلى «قوغۇشۇننى ۋاقتىنچە ھەپتىسىگە ھەر كىلوگىرامىغا 25 مىكروگرامدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئاساستا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ» دەپ بېكىتكەن. بىر ساغلام ئايالنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئادەتتە 60~40 كىلوگرام ئەتراپىدا بولىدۇ، بۇ ئېغىرلىقتىكى ئاياللارنىڭ قوغۇشۇنغا بەرداشلىق بېرىش مىقدارى ھەپتىسىگە 1.5~1 مىللىگرام. لەۋ سۇرۇخقا قارىتا چىقارغان بەلگىلىمە بويىچە ھەر كىلوگرام لەۋ سۇرۇختا 40 مىللىگرام قوغۇشۇن بار، دەپ ھېسابلىساق، ھەپتىسىگە 37.5~25 گرام، كۈنىگە 5.4~3.6 گرام لەۋ سۇرۇخنى بىۋاسىتە يەۋەتسە ئاندىن زەھەرلىك ماددىنى قوبۇل قىلىش مىقدار كۆرسەتكۈچىگە يەتكەن بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى