مۇخبىرىمىز جىڭ لىجۈن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 16-كۈنى خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى 6-كېچىلىك ئايروپىلاننى كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرغان بولۇپ، بۇ ئايروپىلان كورلا-كۇچا-غۇلجا، كورلا-ئاقسۇ-غۇلجا لىنىيەسىدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن. 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى كورلا-تۇمشۇق-قەشقەر ئاۋىياتىسيە لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن.
1-ئاينىڭ 16-كۈنى، كورلا ئايرودۇرۇمىغا خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 6-كېچىلىك ئايروپىلانى تاپشۇرۇلغانلىقى بىلەن كورلا-كۇچا-غۇلجا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يېڭىدىن ئېچىلغان، بۇ لىنىيەدە ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كورلا-ئاقسۇ-غۇلجا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر كۈنى قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئىككىگە كۆپەيتىلىدىكەن.
خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى قاتناش باشلايدىغان كورلا-تۇمشۇق-قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن.