جىڭ ناھىيەسى باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى 4-دېھقانچىلىق ئەترىتى خۇيمىن مەھەللىسىدىكى گېڭ شياۋۋۇ يېقىندا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەردە بىر نەچچە قېتىم توك قاچىلىدىم، بىر يۈەنگە ئۈچ سائەت توك قاچىلىغىلى بولىدۇ، ئەمدى بىنا ئۆي سىرتىدىن تۆۋەنگە توك سىمى تارتىپ چۈشۈرمىسەكمۇ بولىدىغان بولدى، قولايلىق ھەم بىخەتەر ئىكەن، دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىلگىرى بۇ مەھەللىدىكى ئاھالىلەر بىنادىكى ئۆيلىرىدىن تۆۋەنگە ئۇزۇن توك سىمى تارتىپ توكسىكلىتلىرىغا توك قاچىلايدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال مەھەللىنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى پەيدا قىلغان. ئاھالىلەرنىڭ توكسىكلىتلىرىغا توك قاچىلىشىغا قولايلىق يارىتىش، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئازايتىش ئۈچۈن، 2018-يىلى 9-ئايدا، جىڭ ناھىيەلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى 4-دېھقانچىلىق ئەترىتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈر مەبلىغى توپلاپ، خۇيمىن مەھەللىسىدە توكسىكلىتلارغا توك قاچىلايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك پونكىتىدىن تۆتنى قۇرغان، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا، بۇ توك قاچىلاش پونكىتلىرى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. (خەۋەرنى بورتالا ئوبلاستلىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسىدىن ۋاڭ ئەنشيەن تەمىنلىگەن)